جۇڭگو خەۋەر تورى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: چەتئەل تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى دېيىشىچە، ئىسرائىلىيە شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەتىگەندە غەززەدىن بارلىق قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىققان.
بۇ باياناتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى قوشۇن چېكىندۈرۈشنى تاماملىغان، 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى يەر يۈزى ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان؛ ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس تۈزگەن 72 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە كۈچكە ئىگە بولدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ رەئىسى باياناتچىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيە پولكوۋنىكى ئولموزنىڭ دېيىشىچە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىنكى ئەڭ دەسلەپكى ئىككى سائەت ئىچىدە ئىككى تەرەپ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ھالىتىدە تۇرغان. ئەمما ئۇ نۇرغۇن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززە رايونىغا يېقىن جايدا بۇيرۇق كۈتۈۋاتقانلىقىنى، ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
بىراق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يەنىلا ئاجىز. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى پات ئارىدا كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى، خاماس ئىسرائىلىيەگە ئارقا-ئارقىدىن 20 راكېتا بومبا ئاتقان. بىرى چەتئەل مۇخبىرلىرى تۇرۇشلۇق بىر مېھمانخانىغا چۈشكەن، ئەينى چاغدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولىدىغانغا يەنە 8 مىنۇت قالغان ئىدى. كىشىلەر ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى غەززە بوشلۇقىدا يەنىلا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved