NHKدۇنيا خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى:لىۋىيە دېڭىز ياقىسىغا يېقىن جايدىن، ئوتتۇرا شەرىق ۋە ئافرىقا رايونلىرىدىن كەلگەن 50دىن ئارتۇق كۆچمەن ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ جەسىتى بايقالدى
ئىتالىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ 55 جەسەت چارشەنبە كۈنى، لىۋىيەگە تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى ئۈچ يۈك كېمىسىدە بايقالغان.
ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبى ۋە باشقا تەپسىلاتلار ئېنىق ئەمەس .
ئىتالىيە ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار شۇ چارشەنبە كۈنى 10 قېتىم قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ۋە 3000ئەتراپىدا ئادەمنى قۇتقۇزغان.
تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرىق ۋە ئافرىقا رايونلىرىدىن ياۋورپا دېڭىز ياقىسىغا كۆچۈشكە ئۇرۇنۇشى تۈپەيلى، ئوتتۇرا دېڭىزدا قازا قىلغان كۆچمەنلەر كۈنسىرى ئېشىپ بارماقتا.
15-ئاۋغۇست لىۋىيەدە يۈز بەرگەن پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 40تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جەسىتى بايقالغان بولۇپ، ئۆلگۈچىلەر نەپەس ئالالماي ئۆلۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن ئىكەن، خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇيىل كىرگەندىن بۇيان ھازىرغىچە ئۆلۈپ كەتكەن كۆچمەنلەر سانى 2300ئادەمگە يەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved