فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈچ ئادەم يارىلانغان.
تەكشۈرۈش خادىملىرى مۇنداق دېدى: ۋەقە چاررىنت ئۆلكىسىدىكى بىر ئۆلكە دەرىجىلىك تاشيولدا يۈز بەرگەن، ۋەقە يۈز بەرگەندە مەكتەپ ئاپتوموبىلىدا 10 نەپەر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئولتۇرغان، ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن 6 نەپەر ئوقۇغۇچى قازا قىلغان، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى ۋە ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى يارىلانغان ، باشقا ئوقۇغۇچىلار بەختكە يارىشا ئامان قالغان.
ئېگىلىنىشىچە، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ ، ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىغان، فرانسىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئىككى مىنىستىرنى ۋەقە يۈزبەرگەن نەق مەيدانغا ئەۋەتكەن بولۇپ، چاررىنت ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتمۇ ھادىسىسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسىنى يولغا قويغان.
فىرانسىيەنىڭ شەرقىدىكى دۇ ئۆلكىسىدە شۇ جاي ۋاقتى 10 -فېۋرال ئەتتىگەندە مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈزبەرگەن بولۇپ، ئاپتوموبىلدىكى ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى قازا قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved