ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، شەندۇڭنىڭ مەلۇم بۆلىكىدىكى ئالدىراش يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، بىر ئەر ئۈچ مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، سىرتقى شەكلى خۇرۇم ئاياغقا ئوخشايدىغان بىر ماشىنىنى ھەيدەپ يولغا چىقىپ، يولۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئىگىلىنىشىچە، سىرتقى شەكلى ئالاھىدە بولغان بۇ ئاياغ ماشىنىنى شۇ جايدىكى بىر خۇرۇم ئاياغ زاۋۇتى قىممىتى تەخمىنەن 40 مىڭ يۈەن كېلىدىغان ھەقىقىي خۇرۇم بىلەن ياساپ چىققان بولۇپ، سىرتقى شەكلى ئىرلاندىيەنىڭ كلاسسىك بۇللوك ئاياغ پاسونىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن، بۇ ماشىنىنىڭ باتارىيىسىگە توك قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، تەخمىنەن 400 كىلومېتىر ئەتراپىدا يول يۈرگىلى بولىدىكەن. بۇ ماشىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر بولۇپ، ماشىنىغا پەقەت بىرلا ئادەم سىغىدىكەن.
ئالاقىدار سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئەر ماسكا تاقىۋالغان ھالەتتە، ھېچ ئىش بولمىغاندەك بۇ ئۆزگىچە ماشىنىنى ھەيدەپ يول يۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ ھەيران قېلىشلىرىغا قىلچىمۇ پىسەنت قىلمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved