ساپاسىز ئايال مېترودا بالىسىنى كىچىك تەرەت قىلدۇرۇپ تازىلاشنى رەت قىلدى

     مېتروغا ئولتۇرغاندا بالىڭىزنىڭ تەرەت قىلغۇسى كەلسە قانداق قىلىسىز؟ بۇنىڭغا  ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇئامىلىسى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.ئەمما ئادەمنى ئەڭ  يىرگەندۈرىدىغان ئىش بالىسىنى مېتروغا تەرەت قىلدۇرۇش. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بىرى بىر  ئايال دەل ئاشۇنداق ناچار قىلىقنى  سادىر قىلىپ، مېتروغا ئولتۇرغانلارنىڭ ‹‹ئاڭسىز  ›› دەپ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. ئۇ ئايال بۇنىڭغا قارىتا ‹‹ سىلەر قىلىپ باقمىغان  ئىشمۇ ›› دەپ ئېتىراز بىلدۈردى، ھەمدە نەق مەيداننى تازىلاشنى رەت قىلدى. بالىنىڭ  سۈيدۈكى مېترو ئىچىدە ئېقىپ يۈردى.  بۇ ئىشنى پاش قىلغان شەھەر ئاھالىسى سۇڭ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ سائەت 9لار  ئەتراپىدا مېتروغا چىققان. كۆپ ئۆتمەي، ئۇ 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايالنىڭ  3 ياشلار چامىسىدىكى  بالىسىنىڭ ئىشتىنىنى سالدۇرۇپ، مېتروغىلا ھاجەت  قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.  

     - ئۇ بۇ ئىشلارنى ناھايىتى تەبىئىي ھالدا قىلدى، ھەيران قالدىم. مەن ئۇنىڭغا،  بېكەت ھاجەتخانىسىغا ئاپارسىڭىز بولمامدۇ، دېسەم ئۇ ، بالام چىدىيالماي قالدى،  دېدى- دېدى سۇڭ ئەپەندى،-ئەينى ۋاقىتتا بالا يىغلاپ قەغىش قىلمىغان، پەقەت بىر  قانچە قېتىم سىيگۈم كەلدى دەپ قويغان. بالىدا ھېچقانداق تاقەتسىزلىك ئالامەتلىرى  كۆرۈلمىگەن.

      سۇڭ ئەپەندى بىر قانچە قېتىم ئۇ ئايالغا بالىنىڭ تەرىتىنى تازىلىۋېتىشنى  ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ ئايال ئۇنىمىغان. سۇڭ ئەپەندى ئۇنى ‹‹نېمانداق ئاڭسىز  ئايال  سىز، بۇ دېگەن ئاممىۋىي سورۇن، ئۆيىڭىزگە ئوخشىتىپ قالدىڭىزمۇ ؟›› دەپ  ئەيىبلىگەندە، ئويلىمىغان يەردىن  ئۇ ئايال ‹‹سىز تۇغۇلۇشىڭىزدىنلا ئاڭلىقمىدىڭىز  ››دېگەن. ئانا- بالا كېيىنكى بېكەتتە چۈشۈپ قالغاندا،بالىنىڭ سۈيدۈكى  مېترونىڭ  پولىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇرغان. سۇڭ ئەپەندى بۇنىڭغا نېمە دېيىشنى بىلمەي  قالغان.

      بالىنىڭ ھاجىتى قىستاپ كېتىشنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما يۇقىرىقىدەك  ئىشلارنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا تۆۋەندىكىدەك ئاماللارنى  قوللىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ. بالىڭىزنى يەسلىدىن ئېلىپ چىققاندىلا بالىلار زاكىسى  تەييارلىۋېلىڭ؛ بالىڭىز ئۆزىنى كونترول قىلالىغۇدەك بولسا، ئۇنىڭغا كېيىنكى  بېكەتكىچە تاقەت قىلىشنى ئېيتىڭ، كۆپ قىسىم بېكەتلەردە ھاجەتخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.  شۇ يەرگە بارغاندا ھاجەت قىلسۇن؛ سولياۋ خالتىمۇ بۇنداق چاغدا ياخشى تاللاش  بولالايدۇ؛ پەقەتلا، زادىلا ئامال بولمىسا، بالىڭىزنىڭ تەرىتىنى تازىلىۋېتىشنى  ئۇنۇتماڭ، بۇ قىلغىنىڭىز سىزنىڭ باشقىلارنى ھۆرمەتلىگىنىڭىز بولىدۇ.شۇنداقلا يەنە  ئۆزىڭىزنى ھۆرمەتلىگىنىڭىز بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
28-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
ۋىكتورىيە بېكھام، 1974-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى Hetfield دا تۇغۇلغان، ئەنگىلىيە ناخشا چولپىنى، مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى. دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە قان تىپى: O تىپلىق قان بوي ئېگىزلىكى: 163 سانتېمېتر ئېغىرلىقى: 43 كىلو...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى ئەلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ دەپنە مۇراسىمى نەق مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى. شۇ كۈنى ئامېرىكىلىق بوكىس شاھى...
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
Powered by Leglek