چاغان مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ساياھەت رايونلىرى بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئەتراپىدىكى قار تېيىلىش مەيدانلىرىدىمۇ بايرام، دەم ئېلىش مەزگىللىك ئېتىبار بېلەت باھاسى يولغا قويۇلىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونى ۋە قار تېيىلىش مەيدانلىرىدىن ئىگىلىشىچە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەت رايونلىرى نورمال خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىلىدىكەن، قىسمەن قار تېيىلىش مەيدانلىرىدا دەم ئېلىش مەزگىللىك باھا ئىجرا قىلىنىدىكەن.
2014-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 1 مىليون 13 مىڭ (ئادەم / قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ساياھەت ئومۇمىي خىراجىتى 739 مىليون يۈەنگە، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە خىراجىتى 730 يۈەنگە يەتكەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved