رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تۈنۈگۈن كىرىمىل سارىيىدا قىرىم ۋە سېۋاستوپول ۋەكىلى بىلەن شەرتنامە ئىمزالىدى، شەرتنامىدە 18-مارتتىن ئېتىبارەن قىرىم جۇمھۇرىيىتى بىلەن سېۋاستوپول بىۋاسىتە قاراشلىق شەھىرى رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە قوشۇلىدۇ دەپ بەلگىلەندى.
شەرتنامە ئىمزالاشتىن بۇرۇن، پۇتىن كېرمىل سارىيىدا پارلامېنت يۇقىرى ۋە تۆۋەن پالاتالىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ، قىرىم مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى شەرھلىدى.
پۇتىن مۇنداق دېدى: 16-مارت ئۆتكۈزۈلگەن قىرىمدا ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش خەلقئارا قانۇن نىزامغا تامامەن ئۇيغۇن. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ قىرىمدىكى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىگە كوسوۋوغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇكرائىنا قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىنى ھەرگىز ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاكالىتەن ئىش بېجىرگۈچىسى ۋولوبىيېۋنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا نوتا تاپشۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ قىرىم جۇمھۇرىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىغا ، قىرىم بىلەن سېۋاستوپولنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇشىغا ئالاقىدار شەرتنامە ئىمزالىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved