قەھۋە ئىچىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار

msnساغلاملىق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى . قەھۋە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىش، يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش تەسىرىگە ئىگە بولغاچقا، ناركوز دورىلىرى، ئۇخلاتقۇچى دورىلاردىن زەھەرلەنگەنلەرگە كۈندە بەش ئىستاكانغىچە ئىچىملىك ئورنىدا بەرسە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .ياشلار قەھۋەنى ئۇزۇن مۇددەت مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە كۆڭۈلنى ئازادە قىلىپ تېتىكلەشتۈرىدۇ . ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىدا، دائىم مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىپ بەرسە ئاشقازان، جىگەر خىزمىتىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقى ھەمدە راكنىڭ ئالدىنى ئالدىغانلىقىنى بايقىغان .

ئۈچ گرام قەھۋە تالقىنىنى 30 گرام سۇيۇق ھەسەل بىلەن قوشۇپ دورا تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 11گرامدىن يەپ بەرسە، ھۆل سوغۇقتىن بولغان يۆتەلگە شىپا بولىدۇ. يېرىم ياكى بىر گرام ساپ قەھۋە تالقىنىدىن ئىككى- ئۈچ قېتىم ئىچىپ بەرسە ھۆل سوغۇقتىن بولغان ئىچ سۈرۈشكە شىپا بولىدۇ.يازغۇچى، تەتقىقاتچىلار مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋا ئىچىپ بەرسە خىزمەت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلىگۈچىلەر، شوپۇرلار قەھۋە ئىچىپ مەشغۇلات قىلسا، ھەر خىل ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ساياھەتكە چىققانلار، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغۇچىلار بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىۋالسا ھارغىنلىقنى يەڭگىللىتىدۇ.قەھۋەنىڭ يۇقىرىقىدەك نۇرغۇن ياخشى شىپالىق تەسىرلىرى بولسىمۇ تۆۋەندىكىلەرگە دېققەت قىلىش لازىم: ئۇيقۇسى ئازلار قەھۋە ئىچمەسلىكى، بولۇپمۇ كەچلىكى ئىچمەسلىكى لازىم. ھامىلدارلار قەھۋە ئىچمەسلىكى لازىم. بەزى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، قەھۋە ھامىلىنىڭ غەيرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن. قان بېسىمى زىيادە يۇقىرى كىشىلەر قەھۋە ئىچمەسلىكى كېرەك. قەھۋە ئىچكەندە ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.قەھۋەنى كۈندە بىر- ئىككى ئىستاكان ئىچىش، ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىچمەسلىك لازىم. كۈندە بەش ئىستاكاندىن كۆپ ئىچسە خۇمار پەيدا قىلىدۇ. ناشتىدىن بۇرۇن قەھۋە ئىچمەسلىك لازىم.ئانتىبىئوتىك دورىلار ۋە ئاشقازان يارىسىنى داۋالايدىغان دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن قەھۋە ئىچمەسلىك لازىم. بولمىسا ئاشقازاننى غىدىقلاپ بىئارام قىلىدۇ.

قەھۋە تەركىبىدە بەلگىلىك مىقداردا ۋىتامىنE، نكوتىن كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.
توسالغۇلارنى ئېچىش، ئاغرىق پەسەيتىش، قويۇق خىلىتلارنى تازىلاش، ئاشقازان ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش قاتارلىق رولى بار.
ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە قەھۋەنى پۈتۈن بەدەن ئاغرىقى، باش ئاغرىقى، غەيرى تەبئىي خىلىتلەردىن بولغان قىزتما، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى، ئىچى سۈرۈش، ئاشقازان ئاجىزلىقى، روھىي ھالىتى نۇرمال بولماسلىق، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
قەھۋە يەنە ھەرخىل رادىئاتسىيىنىڭ زىينىنى يەڭگىللىتىدۇ، سۇس قەھۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ جىگەر راكىنى تورمۇزلايدۇ.
كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن ئولتۇردىغانلار ئانچە -مۇنچە دەملەپ ئىچىپ بەرسە رادىئاتسىينىڭ زىيىنى يەڭگىللىتىدۇ ھەم چارچاشنى ئالىدۇ.
قەھۋەنىڭ مەركىزى نېرۋىنى غىدىقلاپ، جىگەرگلىكوگېنىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان شېكىرىنىڭ مىقدارىنى ئۆرلىتىش رولى بار بولۇپ، ۋاقىتلىق ھالدا ئادەمنىڭ زېھنىنى ئۇرغۇتۇپ، تەپەككۇرىنى ئۆتكۈر قىلىدۇ، ھارغىنلىقىنى تۈگىتىش بەدەن كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈنۈمى بولىدۇ.
قەھۋە مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ ۋە كاناي سىلىق مۇسكۇلىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى پەسەيتىدۇ، يورۇقلۇق دولقۇنى ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى قاتارلىق رادىئاتسىيىلەرنىڭ زىينىنى يەڭگللىتىدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:
قەھۋەنى كۈنىگە1~2 ئىستاكان ئىچىپ بەرسە مۇۋاپىق بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ بەش ئىستاكاندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، قۇيۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇشى، چەكتىن ئاشۇرۇپ ئىچمەسلىك لازىم.قەھۋە ئىچكەچ تاماكا چىكىشتىن ساقلىنىش لازىم، بولمىسا كوففېئىن ۋە تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن قاتارلىقلار ئاسانلا ئادەم بەدىنىدىكى بەزى توقۇلمىلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. زىيادە قېنىق قەھۋە يۈرەك سوقۇشىنى تىزلەشتۇرۇپ، قان بېسىمىنى ئېنىق ھالدا ئۆرلىتىۋېتىدۇ ھەمدە جىددىيلىشىش، خاتىرجەمسىزلىنىش، تىت-تىت بولۇش، قۇلاق غۇڭۇلداش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۈرەك قان تومۇرلىرى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قەھۋەنى ئاز ئىچىشى لازىم. ياشانغان ئاياللار دائىم قەھۋە ئىچسە، سۆڭەك شالاڭلىشىشقا سەۋەبچى بولۇپ، سۆڭىكى ئاسان سۇنۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. دائىم قەھۋە ئىچىدىغانلار كالتىسىي تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى لازىم.
ئاشقازان كېسىلى بارلار ۋە ۋىتامىنB1 يېتشمەسلىك كېسىلىگە گىرپتار بولغانلار ئىمكانقەدەر قەھۋە ئىچمەسلىكى لازىم. ھامىلدار ئاياللار قەھۋەنى زىيادە كۆپ ئىچسە، ھامىلىدە غەيرىلىك پەيدا بولىدۇ ياكى بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
27-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek