يېقىندا، نوكىيانىڭ يانفون بازىرىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. گەرچە مىكروسوفت بىلەن تۈزگەن كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، نوكىيا 2016-يىلى 3-پەسىلدىن بۇرۇن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەپچىقارسا بولمايدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نوكىيانىڭ يانفون بازىرىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان يېڭى يانفوننىڭ ئۇچۇرىنىڭ داۋاملىق ئاشكارىلىنىشىغا قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. نوكىيا C1 دەپ ئاتالغان بۇ يانفونغا بىر گەۋدە لايىھە قوللىنىلغان بولۇپ، ئاندىرويىد ۋە Win10 Mobile سىستېمىسى تەڭ قاچىلىنىدىكەن. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، نوكىيا C1 يانفونى ئېكران چوڭلۇقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدىغان بولۇپ، قاتتىق دېتال سەپلىمىسىدىمۇ ئازراق پەرق بولىدىكەن.
چەتئەل تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان خەۋەردە، نوكىيا يانفونىنىڭ 5.0 ۋە 5.5 دىيۇملۇق ئىككى خىل ئېكران سەپلەنگەن نۇسخىسى ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئېكران ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080P گە يېتىدىغانلىقى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2GB+32GB ۋە 3GB+64GB لىق ساقلىغۇچ گۇرۇپپىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئاندىرويىد ۋە Win10 Mobile دىن ئىبارەت ئىككى خىل سىستېما قاچىلىنىدىغانلىقى، 5.0 دىيۇملۇق نۇسخىسىنىڭ ئالدى يۈزىگە بەش مىليون، ئارقىسىغا سەككىز مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلىنىدىغانلىقى، 5.5 دىيۇملۇن نۇسخىسىغا بولسا، ئالدى يۈزىگە بەش مىليون، ئارقىسىغا 13 مىليون پىكسېللىق كامېرا سەپلىنىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان.
ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نوكىيانىڭ يانفون بازىرىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنىدىغان بۇ يانفون ئانچە يۇقىرى سەپلىمىلىك بولمايدىكەن، بولۇپمۇ كامېراسى ئانچە يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، ھەتتا ئۇنى «ئارقىدا قالغان» دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدىكەن. بىراق، تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك يېرى، نوكىيا بۇ يانفوننى داۋاملىق تۈردە فۇشىكاڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىقتىدار-باھا نىسبىتى خۇددى نوكىيا تاختا كومپيۇتېرى N1 دەكلا يۇقىرى بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولالىشى تامامەن مۇمكىن.
ھالبۇكى، يۇقارقى خەۋەر نوكىيا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنمىغان، شۇڭا بۇ ئۇچۇرنىڭ راست-يالغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، نوكىيانىڭ يانفون بازىرىغا قايتىپ كېلىشىگە يەنە يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بار، شۇڭا، بۇ يانفوننىڭ سەپلىمىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارمۇ كېيىن داۋاملىق ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved