جۇڭگو ئاخبارات تورى 14-مارت خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن رومانگۈل تەرجىمىسى)
روسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، « ئىلمىي دوكلات » ژۇرنىلى بۈگۈن خەلقئارالىق ئالىملار گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەن — برازىلىيەدە بۇرۇن بايقالمىغان نامەلۇم ئۆمىلۈگۈچى ھايۋاننىڭ تاشقاتمىسى بايقالغانلىق ئىسپاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ نامالۇم جانلىق ياشىغان دەۋر دىنوزاۋورنىڭكىدىنمۇ بۇرۇن ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خەلقئارالىق ئالىملار گۇرۇپپىسى بۇرۇن بايقالمىغان بۇ خىل ئۆمىلۈگۈچى ھايۋاننىڭ 250 مىليون يىل بۇرۇن برازىلىيە چېگرىسىدا ياشىغانلىقىنى، بۇنىڭ دىنوزاۋور ياشىغان دەۋردىنمۇ بۇرۇن ئىكەنلىكىنى يەكۈنلىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەكۈن مۇكەممەل ساقلانغان باش سۆڭىكىگە ئاساسەن چىقىرىلغان.
ئالىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ھايۋاننىڭ تۆت پۇتى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىرغا يېتىدىكەن. بۇ ھايۋاننىڭ چىشىنىڭ ئۇچلۇقلۇق شەكلىنى تەكشۈرۈشتىن كېيىن، ئالىملار بۇنى بىر خىل گۆشخور ھايۋان دەپ ھۆكۈم چىقارغان. تەكشۈرگۈچىلەر بۇ بايقاش بىلەن دىنوزاۋورنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات باسقۇچىنى چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلدى.
نۆۋەتتە، بۇ ئۆمىلۈگۈچى ھايۋان بايقالغان دائىرىدە قېزىش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved