جاھان ئاگېنتلىقى 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا پەن-تېخنىكا شىركىتى Apple، ئامېرىكا سىرتىدىكى تۇنجى قۇياش ئنىرگىيە ئىستانسىسىنى جۇڭگودا قۇرماقچى بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالما شىركىتى يۇقارقى پلاننى ئامېرىكىدىكى قۇياش ئىنىرگىيە شىركىتى SunPower بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى. ئىككى شىركەت جۇڭگۇدا قۇرماقچى بولغان ئىنىرگىيە ئىستانسىسى بىر يىلدا 80 مىليون كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئىستانسىنىڭ قۇرۇلۇش كۈچى 40 مىگاۋات ئەتراپىدا بولۇپ 61 مىڭ ئائىلىنىڭ توك ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.
ئالما ئىنىرگىيە مەسئۇل خادىمى لىسا جاكسون، يېڭى پىلاننىڭ ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى ئىشخانا ۋە دۇككانلىرىدا ئىشلىتىلگەن توكتىن تېخىمۇ كۆپراق ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، كۆپ مىقداردىكى ئىشلەپچىقىرىلغان توكنىڭ جۇڭگو ئېلىكتىر تورىغا سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جاكسۇن، ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىن كېيىن گېرمانىيە، ئەنگىلىيە، ئاۋىسترالىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ قۇياش ئىنىرگيە ئىستانسىسى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئالما شىركىتى، ئىلىكتىر ئىنرگىيە ئىھتياجىنىڭ يۈزدە 87% نى يېڭىلىنىدىغان «تەبئىي» مەنبەلەردىن قامدايدىغان بولۇپ، بۇ نىسبەتنى يېقىن كەلگۈسىدە يۈزدە 100% گە چىقىرىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.
![]() |
تېڭشۈن تورى پەن-تېخنىكىسىنىڭ 8-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا، ئارخېئولوگلار بېنت ئېھرامى (قاھىرە شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا) نى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved