يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى : كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان ‹‹ بۇرنېينىڭ پارا بېرىش دېلوسى ›› نىڭ نەتىجىسى چىقتى . ‹‹ئاسمان تەنتەربىيەسى›› نىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، مىيۇنخېن سوت مەھكىمىسى ئەڭ ئاخىرىدا بۇ يىل 83 ياشقا كىرگەن 1-دەرىجىلىك تەڭلىمە فورمۇلىسى لەھۋە تالىشىش مۇسابىقىسى (F1) نىڭ پېشۋاسى بېرنيې ئېككلېستونغا 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تۆلەش جازاسى بېرىلىپ ، ئەيىبلىگۈچى تەرەپ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىندى ، شۇ ئارقىلىق تۈرمىدە يېتىشتىن ئامان قالغان ھەمدە (F1) نىڭ كونتىروللۇقىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان .
بېرنيېنىڭ پارا بېرىش دېلوسى بۇ يىل 4-ئايدىن باشلاپ سوتلىنىشقا باشلانغان بولۇپ ، 8-ئاينىڭ بېشىدا ئاران بىر تەرەپ بولغانىدى . سوتلىنىش جەريانىدا ، بېرنيېنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغانلىقى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن ، تەپتىش مەھكىمىسى تەرەپ ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان . بېرنيېنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىرى سوتنىڭ ئۇنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنەتتى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved