بىر ئايلىقتىن ئاشقان بوۋاق بەك قېلىن كىيىندۈرگەنلىكتىن سۇسىزلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى

     11-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن بالا ئازراق زۇكامداپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا قېلىن كىيىملەرنى كىيدۈرۈۋەتكەن، گەرچە بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنى تەرگە چۆمۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆيىدىكىلەر كۆپ تەرلىسە زۇكام ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەپ قارىغان.     28-نويابىر ئەتىگەندە، ئۆيدىكىلەر نيەننيەننىڭ قىزىتمىسىنىڭ ئۆرلەپ، يۈزلىرىنىڭ قىززىپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بوۋا-مومىسى نيەننيەننى تېخىمۇ قېلىن كىيدۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق قىزىتمىسىنى قايتۇرماقچى بولغان. ئەمما كەچ سائەت يەتتە بولغاندا، نيەننيەننىڭ قىزىتمىسى يەنىلا يانماي نەپىسى ئاجىزلاپ، چىرايى تاتىرىپ، كالپۇكلىرى قارىداپ كەتكەن. بۇ ئەھۋالدىن قورقۇپ كەتكەن ۋاڭ ئەپەندى بالىنى ۋۇخەن شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان.

     دىئاگىنوز قويغان دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، شۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ ئىچ كىيمىدىن باشقا، يەنە ئىككى يۇڭ پوپايكا، بىر نېپىز چاپان، بىر قېلىن پاخىتىلىق چاپان كىيىپ، تېشىنى قېلىن ئورىۋەتكەنىكەن. بالىنىڭ كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوختۇرلارنىڭ ئەنسىرىگىنىدەك چىققان، يەنى نيەننيەندە «بوۋاقلاردىكى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك يىغىندى كېسەللىكى <ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق، دىمىقنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، يۇقىرى قىزىتما، قاتتىق تەرلەش، سۇسىزلىنىش، تارتىشىپ قېلىپ ھوشىدىن كېتىش، ھەتتا نەپەس ئېلىشى ئاجىزلىشىشتەك قىش پەسلىدە دائىم كۆرۈلىدىغان جىددىي كېسەللىك)» كۆرۈلگەن، شۇ سەۋەبتىن بالا قاتتىق تەرلەپ سۇسىزلىنىپ، مېڭىدىكى قان ئايلىنىش مىقدارى ئازىيىپ، مېڭە توقۇلمىلىرىغا قان، ئوكسىگېن يېتىشمىگەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئىسسىقتا ئۇزۇن تۇرۇش سەۋەبىدىن كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاپ قاناش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن، نيەننيەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

    شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىكى كاندىدات مۇدىر ۋراچنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك يىغىندى كېسەللىكى ئاساسەن بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلاردا كۆپ يۈز بېرىدىكەن. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ نەپەس، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزى تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن، ئۆز بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى چەكلىك، سىرتقى مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى ناچار بولغاچقا، ئىسسىقنىڭ داۋاملىشىشى بالىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى تېزلىتىپ، ئوكسىگېن سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن، بۇنداق ئەھۋال يېنىكرەك بولسا كېسەللىك ئاسارىتى قالىدىكەن، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

   ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىل 10-ئايدىن كېيىنكى يىلى 3-ئايغىچە بۇ خىل كېسەللىك ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بۇ دوختۇرخانا مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق بىماردىن 13 نى قوبۇل قىلغان.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
09-04-2016
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشكە ھېرىسمەن بولۇشى ئاسانلا ‹‹تېلېۋىزور كېسىلى››نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تېلېۋىزور بالىلارنىڭ كۆزى، قولى ۋە مېڭىسىنىڭ ماسلاشما ھەرىكىتىنى ئازايتىۋېتىدىكەن. ئېكراندىكى تېز سۈرئەتلىك كۆرۈ...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
Powered by Leglek