تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بەھرەين ئىچكى كابېنتى 11 -يانۋار قارار چىقىرىپ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا دۆلەت ئىچىدىكى دىزېل مېيى ۋە كىرسىن باھاسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن، 12 -يانۋاردىن باشلاپ بېنزىن باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۆكۈمەت كىرىمى تۆۋەنلەپ كېتىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرماقچى بولغان.
بەھرەين ئىچكى كابېنتى تۆۋەن باھادىكى بېنزىننى ھەر لىتىرى 0.08 دىنار ( تەخمىنەن 0.2 ئامېرىكا دوللىرى ) دىن 0.125 دىنارغا ( تەخمىنەن 0.33 ئامېرىكا دوللىرى ) يۇقىرىلىتىشنى قارار قىلغان، بۇنداق بولغاندا ھەر بىر لىتىر بېنزىننىڭ باھاسى %56.3 ئاشقان بولىدۇ؛ ئۇلار يەنە يۇقىرى باھادىكى بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنى 0.1 دىناردىن ( تەخمىنەن ، 0.27 ئامېرىكا دوللىرى ) 0.16 دىنار ( تەخمىنەن 1.692721 ئامېرىكا دوللىرى ) غىچە ئۆستۈرمەكچى بولغان بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى %60 كە يەتكەن.
خەلقئارا نېفىت باھاسى 2014 -يىلىدىن باشلاپ، ھەر باكى يۈز نەچچە دوللار دىن ھازىرقى 30 دوللارغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، نېفىت ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولغان دېڭىز قولتۇقى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە قىسقىراپ كەتكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين قاتارلىق دۆلەتلەر يېقىلغۇ ماي ۋە سۇ ئېلېكتىر باھالىرىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ھازىرقى ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرماقتا.
11-يانۋار، خەلقئارا نېفىت باھاسى داۋاملىق تۈز سىزىق بويلاپ چۈشۈپ كەتتى، بىر مەھەل ھەر باكى 30.88 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى. 11-يانۋار بازار يېپىلغاندا، نيۇيورك سودا بېرژىسىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان يېنىك خام نېفىت قەرەللىك مېلى %5.3 چۈشتى، 1.75 ئامېرىكا دوللىرى چۈشۈپ ھەر باكى 31.41 ئامېرىكا دوللىرى بولدى. بۇ 2003-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھا.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved