خەلىق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمسى ، ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈندىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ، ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بۇلشىچە ئاياللارنىڭ ئەڭ ئاسان سەمىرىپ كىتىشى 38ياشتا كۆرۈلدىكەن، ئەرلەرنىڭ بولسا 44ياش ئىكەن. كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن يەنە كېچىلىك تاماق يىيىش، راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ۋاقتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بۇلشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ئاسان سەمىرىپ كىتىشىگە سەۋەب بۇلدىكەن.
ياۋروپادىكى بىر يىمەكلىك شىركىتى 1000نەپەر زىيارەتنى قۇبۇل قىلغۇچىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، تەكشۈرۈش جەريانىدا ئاياللار ئۆزلىرنىڭ 35ياشتىن 40ياشقىچە بولغان ئارلىقتا سەمىرىپ كىتىشىگە نىمە سەۋەب بولغانلىقنى كۆرسىتىپ بەرگەن . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ٪34 زىيارەتنى قۇبۇل قىلغۇچى ئايالنىڭ قارشىچە ئانا بۇلۇش ساەمىرىپ كىتىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن. ئانا بولغۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇلار كۈندە ئىككى قېتىم تاماق يىيىشكە مەجبۇر بۇلىدۇ ، يەنى بىر قېتىم بالىسى بىلەن يەنە بىر قېتىم يولدېشى بىلەن؛ ٪32 ئايالنىڭ قارىشچە تويدىن كىيىنكى مۇقىم بولغان ئائىلە مۇناسىۋتى ئۇلارنىڭ سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇلارنىڭ ئەكسىچە ٪22زىيارەتنى قۇبۇل قىلغۇچى ئەرلەرنىڭ قارشىچە ئاجرىشىپ كېتىش ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا يېشىدا سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن.
مەزكۇر تۈردىكى تەكشۈرۈشتە يەنە بىلدۈرۈلشىچە ، ئاياللار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا 40~35ئارلىقدىكى ۋاقىت سەمىرىپ كېتىش مۇمكىنچىلكى ئەڭ يۇقىرى بۇلۇپ ، بۇلۇپمۇ 38 ياش ئەڭ ھالقىلىق مەزگىل ئىكەن.تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان ئاياللارنىڭ قارشىچە ، 40ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ داۋاملىق سەمىرىپ كېتىش مۇمكىچىلكى بەكلا كىچىك ئىكەن. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۆزىنىڭ بەدىنىگە تېخىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلدىغان بۇلۇپ كېتىدىكەن.
ئەرلەرنىڭ سەمىرىپ كېتىش يېشى ئايااللارنىڭكىدىن بىر قانچە يىل كىيىن بۇلدىكەن. ٪36ئەرلەرنىڭ قارشىچە 45~40 ئارلىقدا ئۇلار ئەڭ ئاسان سەمىرىپ كىتىدىكەن. ھەمدە ئۇلارنىڭ بىكتىشىچە 44ياش سەمىرىپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ يۇقىرى مەزگىل ھېسابلىنىدىكەن. بۇ بەلكىم مۇشۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ ئىشى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچىغا يەتكەن بۇلۇپ بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ۋاقتى چىقمايدىكەن.
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved