ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «ئەينەك گېزىتى»دە ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «يەكشەنبىلىك خەلق گېزىتى»نىڭ خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: سىنوۋدېن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەخپىيىتىنى پاش قىلغان ھەمدە موسكۋاغا بېرىپ پاناھلىق ئىزدەشتىن ئالتە يىل بۇرۇن، رۇسىيەنىڭ ئاخبارات تارماقلىرى ئۇنىڭغا دىققەت قىلغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ك گ ب نىڭ ئالاھىدە خادىمى كارپىچىكوپ مۇنداق دېدى: 2007-يىلى سىنوۋدېن ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ جەنۋەدىكى بىر ئورگىنىغا ئەۋەتىلگەندە رۇسىيە ئاخبارات ئورگىنى سىنوۋدېنغا ئائىت بىر ھۆججەت تەسىس قىلغان.
2013-يىلى 9-ئىيۇن سىنوۋدېن شياڭگاڭغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ساختا دىپلوماتىك بولىۋالغان رۇسىيەنىڭ ئالاھىدە خادىمى سىنوۋدېن بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە ئۇنىڭ موسكۋاغا بېرىپ پاناھلىق ئىزدىشىگە ئىلھام بەرگەن، ئاندىن كېيىن، ئۇلار موسكۋاغا رۇسىيەگە بېرىش مۇددىئاسىنى پاش قىلىپ ئامېرىكىنى سىنوۋدېننىڭ پاسپورتىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇرلىغان.
سودا كەسپىدىكى بىر تور بېكىتىدە مۇنداق دېيىلدى: كارپىچىكوف مۇنداق دېدى: ۋىكى سىر يېيىش تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھاسانچىمۇ سونوۋدېنغا رۇسىيە سىزنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز دېگەن. كارپىچىكوپ مۇنداق دېدى: ئۆلۈم تەھدىتى ئۇنى قورقۇتتى. بۇ تەھدىتنى- رۇسىيەنىڭ ئاخبارات تارماقلىرى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان. بۇنىڭدىن مەقسەت سىنوۋدېننى رۇسىيەدە قالدۇرۇش. سىنوۋدېن موسكۋادىن ئايرىلالمايدۇ، چۈنكى ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭ پاسپورتىنى بىكار قىلدى.
كارپىچىكوپ مۇنداق دېدى: سىنوۋدېن موسكۋادىكى مېنىڭ خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئۇچراشتى ھەمدە سىنوۋدېنغا ئۆزى ئاشكارىلاشقا تېگىشلىك ئۇچۇرلار قالمىغانغا قەدەر رۇسىيەنىڭ پايتەختىدە تۇرۇپ قېلىشنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر رۇسىيەلىكلەر سىنوۋدېن ئېرىشكەن بارلىق ئۇچۇرلارنى قولغا كەلتۈرمەكتە. رۇسىيەنىڭ ئاخبارات تارماقلىرى بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ئاخبارات مەخپىيەتلىكى ۋە شىفىرىنى يېشىشكە قىزىقماقتا.
رۇسىيەنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە خادىمى كارۇكىن مۇنداق دېدى: رۇسىيەلىكلەر سىنوۋدېن بەرگەن سوۋغىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى. سىنوۋدېن بەزى ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى تۈگەپ قالمايدۇ.
كارپىچىكوپ مۇنداق دېدى: سىنوۋدېن مۇسكۋانىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر رايوندا ئولتۇرىدۇ، بۇ رايون فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ كونتروللۇقىدا. ھەرقانداق ئىش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سىنوۋدېننىڭ ئۆيى قاتتىق قوغدىلىدۇ. سىنوۋدېن ھەپتىدە ئىككى قېتىم فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا يېتەرلىك يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك سۇ يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئەينەك گېزىتى»دە ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «يەكشەنبىلىك خەلق گېزىتى»نىڭ خەۋىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئەنگلىيەنىڭ ئاخبارات تارمىقىنىڭ خەۋەردار ئەربابى مۇنداق دېدى: سىنوۋدېن پاش قىلغان ئۇچۇرلار ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي ئاخبارات 5-باشقارمىسى ۋە ھەربىي ئاخبارات 6-باشقارمىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىنى يوققا چىقاردى ھەمدە بۇ ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق ئۇلار ئىسلام تېررورچى تەشكىلاتلىرىنىڭ سۇيىقەستىنى پەرق ئەتسە ۋە بۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلسا بولىدۇ.
سىنوۋدېن 1983-يىلى تۇغۇلغان، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تېخنىكا تەھلىلچىسى.
ئۇ 2013-يىلى 6-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلاش تۈرىنىڭ مەخپىي ھۆججىتىنى «مۇھاپىزەت گېزىتى» ۋە « ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»دە پاش قىلغانلىقتىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان، شۇ چاغدا سىنوۋدېن شياڭگاڭدا بولۇپ، كېيىن رۇسىيەگە كېتىپ قالغان.
2013-يىلى 21-ئىيۇن سىنوۋدېن «مۇھاپىزەت گېزىتى»دە يەنە بىر قېتىم ئەنگلىيەنىڭ مەخپىي ئاخباراتلارنى پاش قىلدى. 2013-يىلى 1-ئاۋغۇست سائەت 7 يېرىمدا سىنوۋدېن موسكۋاغا يېتىپ باردى ھەمدە رۇسىيەنىڭ 1 بىر يىللىق ۋاقىتلىق پاناھلىقىغا ئېرىشتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved