12 - ئىيۇن شىنخۇا تورى باغدادتىن بەرگەن تېلېگراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى . يىغىنغا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىراق 12 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئېچىلىدىغان پۈتۈن دۆلەتتە جىددىي ھالەتكە ئۆتۈشنى ئېلان قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسلىھەت قىلىدىغان يىغىنى ئەمەلدىن قالدۇردى .
شۇ يەردىكى تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، يىغىنغا قاتناشقان ئادەملەرنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىراق پارلامېنت باشلىقى ھۇساما نۇرجىف شۇ كۈنكى جىددىي يىغىنىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
ئىراق قانۇنىغا ئاساسلانغاندا ، پۈتۈن دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتۈش قارارىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان 325 كىشنىڭ ئىچىدە چوقۇم ئۈچتىن ئككىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىراقىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم بازار مۇسۇر 10 ئىيۇن ئىراق ئۆكتىچىلەر پارتىيىسى قۇراللىق كۈچلەر تەرپىدىن ئىگىلىۋېلىندى . ئىراق زۇڭلىسى مالجى پۈتۈن دۆلەتتە ئەڭ يۇقرى ئاگاھلاندۇرۇشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . يەنە ئىراق پارلامىنىتىنى پۈتۈن دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئىلان قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ تېرورلۇق تەشكىلاتلارغا تەھدىت سېلىش .
كۆزەتكۈچى كىشلەرنىڭ قارىشچە ، بىرقىسم مالجىغدا قارشى بەزى سىياسىئون ئۇنىڭ بۇ پىكىرىگە قوشۇلمايدۇ . چۈنكى يېڭى بىر نۆۋەت پارلامىنېت چىقىشتىن بۇرۇن دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكى ئېلان قىلىنىپ قالسا مالجى تېخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئىگە بولۇپ رىقابەتچىلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ .
يېقىندىن بىرى ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناھايىتى ناچارلىشىپ كىتىپ بارىدۇ . ئۆكتىچىلەر پارتيىسى 10 - 11 - ئىيۇن ئارقا-ئارقىدىن مۇھىم شەھەر مۇسۇر بىلەن تىكىرنى ئىگەنلىۋالدى ھەم توختىماي پايتەخىت باغداتقا قاراپ ئىچكىرلەۋاتىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved