3-ئاينىڭ 24-كۈنى ، تۈنۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئامرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ھاگۇ ئېدا كۆرۈشتى. شى جىنپىىڭ بۇيىل ئامرىكا جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋېتىنىڭ 35 يىللىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ، ھازىرقى قالايمىغان خەلقئارا ۋەزىيتىدە، ئامرىكا جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ ئىلگىرلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتتى.ھەمدە جۇڭگو ئامرىكا بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ ، ئاخىرغىچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋېتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردىغانلىقىنى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايدىغانلىقىنى دېدى .
شى جىنپىڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ، ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىن مۇناسىۋېتىنى ساقلاپ ، جۇڭگو ئامرىكا مۇناسىۋېتىدە، زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردۇق ، سىزنىڭ ئىلگىرى ماڭايازغان خېتىڭىزدە ، جۇڭگو ئامرىكا مۇناسىۋېتىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرىغانلىقىڭىزنى ئېيتقان ئىدىڭىز ، مەن بۇ پىكرىڭىزگە قۇشۇلىمەن ۋە رەھمەت ئېيتىمەن، ئىككى تەرەپ ھەقىقەتەن، بىر بىرىنى ھۆرمەتلەش ، تۇقۇنۇش يۈز بەرمەسلىك، پۇت تېپىشمەسلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ تىرىشىپ ، جۇڭگو ئامرىكا قىرغىقى ، رايونى ، ۋە يەر شارى قاتلىمىدىكى ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرشى كېرەك دېدى.
شى جىنپىڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ ، جۇڭگو ئامرىكا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ، ئۆز دۆلىتىدە ئىچكى ئىشلىرىنىڭ بارلىقىنى ، ئىكككى تەرەپنىڭ ، بىر تۈركۈم يېڭى ئىقتىسادىي پىلان تۈزۈپ ، سودا ۋە ئادەم كۈچۈ بايلىقى جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى، جۇڭگو ئامرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ ، ھەرقايسى قاتلاملاردا ھەمكارلىشىپ ، بىر بىرىگە بولغان ئىشەنچنى مۇستەھكەملىشى لازىملىقىنى ئېيتتى .
ھەمدە ئوباماغا : مەن سىزنىڭ ئېنىق ھالدا ھەرقانداق بىر تېرورچىغا ۋە تېرورىزىم ھەركىتىگە قارشى تۇرغانلىقىڭىزنى قوللايمەن، جۇڭگو ئامرىكا بىلەن قول تۇتۇشۇپ ، ئامرىكىدىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى جايلاردىكى تېرورچىلارغا بىرلىكتە زەر بە بېرىشنى خالايدۇ دېدى. ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىشىپ خەلقئارادىكى تېرورچىلارغا زەربە بېرىشنى ئۈمۈت قىلدى.
شى جىنپىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە ، ئامرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ ، بىرلىكىنى قوغدىشى لازىملىقىنى ، جۇڭگونى بۆلگۈچى كۈچلەرنى قوللىماسلىقىنى ، ھەق ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، قارار چىقىرىشىنى تەكىتلىدى.
ئوباما ئىپادە بىلدۈرۈپ، جۇڭگو ئامرىكا دوستلىقىنىڭ 35 يىللىق جەريانىدىن بۇيان ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋېتىدە زور ئىلگەىرلەش بولغانلىقىنى ، مۇناسىۋېتىنىڭ يېقىنلىقىنى ، باشقا ھەمكارلىقلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەمكارلىق مۇناسىۋېتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ، ھەمدە مەن رەئىس شى جىن پىىڭنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىرقاتار ھەمكارلىق تۈرىدىكى پىكىرلىرىگە قۇشۇلىمەن، ئامرىكىنىڭ جۇڭگو پۈتۈنلىكىنى بۇزۇش مەقسىتى يوق ، جۇڭگوغا قارشى چىقىش غەرىزى يوق ، بىز جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتىنى قوغدايمىز دېدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى ئىنچىكە ئىختىلاپلارنى قۇرۇلۇش سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىپ ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،
ئوباما يەنە تەيۋەن مەسىلىسىنى قايتىىلاپ، ئامرىكا جۇڭگونىڭ زىمىنى پۈتۈنلۈك ۋە ئاساسىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، بۇ ئىشتا مەيدانىمىز ئۆزگەرمەيدۇ ، ئىككى تەرەپ ھەربىي جەھەتتىكى مۇناسىۋېتى مۇقىملىققا قاراپ يۈزلەندى، مەن بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىق پىلانىغا قۇشۇلىمەن دېدى.
ئوباما كۈنمىڭدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق مەسىلىسىنى يەنە قايتا تىلغا ئېلىپ ، تېرورچىلارغا بولغان ئەيىبلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، تېرورچىلارنىڭ مەيلى قەيەردىن چىققان بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ، ھەممىسىگە نەپرەتلىندىغانلىقىنى ئېيتتى.بۇ تەرەپتىنمۇ جۇڭگو ئامرىكا داۋاملىق ھەمكارلىشىدۇ.
شى جىنپىڭ : مەن بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن خانىمىم بىلەن بىرلىكتە سىزنىڭ خانىمىڭىزنى كۈتىۋېلىپ ، ناھايتى قىزغىن سۆھبەتتە بولغان ئىدۇق،ھازىر ئۇلار جۇڭگودا ئېكىسكۇرسىيەدە بۇلىۋاتىدۇ ، مەن ئۇلارنىڭ ئۇنتۇلماس خوشال بىر ساياھەت قىلىپ چىقىدىغىنىغا ئىشىنىمەن دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved