ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇش ئىچىدە تۇرماقتا. نەزىرىمىزنى ئالدى بىلەن سۈرىيەگە ئاغدۇرىدىغان بولساق، بۈگۈنكى كۈندە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش تۆتىنچى يىلغا قەدەم قويدى، باشار ھاكىمىيىتىنىڭ ئىلاستىكىلىقى غەرپنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى، موسادنىڭ بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك سابىق ئەمەلدارى ئىلگىرى باشار بىر قانچە يىل بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا كوزىرى بار، دېگەن ئىدى.
بىر تەرەپتىن، سۈرىيەدىكى ئۆكتىچلەر قۇمدەك چېچىلاڭغۇ، ئىچكى نىزا دائىم دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، يەنە كېلىپ ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتىنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشى بىلەن، سۈرىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سۈرىيە دائىرلىرى شەرقىي شىمالدىكى رايونلارنى قەستەن قولدىن كەتكۈزۈپ قويۇپ، ئۆكتىچىلەرگە ئېلىشىش بوشلۇقى ھازىرلاپ بەرگەنمىش. يەنە بىر تەرەپتىن، باشار تەۋە بولغان ئاللاۋى مەزھىپىدىكىلەر بىر قەدەر ئىتتىپاق، ئۇلار سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ھېساب-كىتاب قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، يەنىلا باشارنى قەتئىي قوللاپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا، باشار ئوتتۇرا شەرقتىكى شىيەلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران سۈرىيە دائىرلىرىنى قىممىتى 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان ئېنېرگىيە، مەبلەغ ۋە قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىگەن، ئىران ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسمىنىڭ 4000 دىن ئارتۇق ئەسكىرى سۈرىيەگە بېرىپ ياردەم بەرگەن ھەمدە سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەسەبى ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇمۇرتقىسىنى ئۈزۈپ تاشلايمىز، دەپ داۋراڭ سالغان.
رۇىسيەنىڭ قوللىشىمۇ باشارنى داۋاملىق بەرداشلىق بېرىش كاپىتالىغا ئىگە قىلغان. رۇسىيە سۈرىيە دائىرلىرىنى دىپلوماتىيە جەھەتتە قانات ئاستىغا ئېلىپلا قالماستىن، يەنە سۈرىيەنىڭ ھەربىي پورتى تارتوسنى چەتئەلدىكى بازىسى قىلغان ھەمدە سۈرىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە. تەھلىل قىلىنىشىچە، ناۋادا سۈرىيە دائىرلىرى زاكاس قىلغان رۇسىيە ياسىغان مىگى-29 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى، ياك-130 بەلگىلىك ئۇرۇش مەشىق ئايروپىلانى، X-31 بەلگىلىك يۈرۈشلۈك رادارغا قارشى باشقۇرىلىدىغان بومبا، قىزىل ياقۇت ناملىق پاراخوتقا قارشى باشقۇرىلىدىغان بومبا ۋە S-300 بەلگىلىك ھاۋا مۇداپىيە سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى سۈرىيەگە يەتكۈزۈلسە، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ سىرتقا قارشى كۈرەش قىلىش، دۆلەت ئىچىنى تىنچلاندۇرۇش ئىقتىدارى كۆرىنەرلىك ئاشىدىكەن. دۆلەت ئىچىدە ھاۋا تەۋەلىكى ھوقۇقى بولمىغان، سىرتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشمىگەن ئۆكتچىلەر ئۇرۇش مەيدانىدا تېخىمۇ يامان ئەھۋالغا قالىدىكەن. 2014-يىلى 6-ئايدا، ئاستا-ئاستا ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلغان باشار غەلبەسىرى ئالغا بېسىپ، يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بولدى.
ئەمدى مىسىرنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، 2013-يىلى 7-ئايدا مۇرسى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كيىن، مىسىرنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلاشتى، دىنى كۈچلەر ۋە دىندىن خالىي كۈچلەرنىڭ توقۇنىشىدىن باشقا، بازا تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بولغان دىنىي ئەسەبىي قوراللىق كۈچ «ئېرۇسالىمنى قوللىغۇچىلار» تەشكىلاتى كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاپ، 500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، 2013-يىلى مىسىرنىڭ قەرزى 240 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئىشسىزلىق نىسبىتى %13.4 يەتكەن، %40 ئاھالىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىمى 2 ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ يەتمىگەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، «خەلق تۇرمۇشى» نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش «دېموكراتىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» نى بېسىپ چۈشتى، مۇقىملىققا ئىنتىلىش ساداسى ھەربىي ساھەدىكى كۈچلۈك ئادەم سېسىنىڭ تەختكە چىقىشىغا تۈرتكە بولدى.
«دۆلەتنى قاتتىق ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمران» دەپ تەرىپلەنگەن سېسى ئەزەلدىن ھۆكۈمەتكە قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قىلچە يۈز خاتىرە قىلمايدۇ. 2014-يىلى 3-ئايدىن 7-ئايغىچە، مىسىردىكى ئارمىيە ۋە ساقچىلار شىمالىي سىناي ئۆلكىسىدە 106 ئەسەبىي ئۇنسۇرنى ئېتىۋەتتى ۋە ئەسىرگە ئالدى. 2014-يىلى 6-ئايدا، ئامېرىكا 572 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم پۇل ۋە ئاپاچى ناملىق 10 قوراللىق تىك ئۇچارنى مىسىر ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ، مىسىرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بەردى. سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك ياردەم بېرىپ، سېسى ھاكىمىيىتىنى قوللاش ئىرادىسى ۋە پۇزتىسيەسىنى بىلدۈردى.
ئىراقنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، 2003-يىلى سادام ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىراقتىكى مەزھەپلەر كۈرىشى، دىنىي مەزھەپلەر توقۇنۇشى ۋە شىمالدىكى كورتلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش خاھىشلىرى كۈنسېرى ئېغىرلاپ كەتتى. ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلار باش كۆتۈرۈپ، ئىراق ھۆكۈمىتىنى ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرمىسە تېررورلۇققا قارشى تۇرالمايدىغان، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرسە زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كېتىدىغان ئىككى قىيىن ئەھۋالغا دۇچار قىلىپ قويدى. بۇ دۆلەتتىكى 33 مىليون نوپۇس ئىچىدە، شىئە مەزھىپى، سۈنئىي مەزھىپى ۋە كورتلارنىڭ نىسبىتى 3:1:1 ئىدى، گەرچە سۈنئىي مەزھىپى بىلەن كۇرتلار زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت باشلىقلىق ۋەزىپىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى شىئە مەزھىپىنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان زۇڭلى مالىكنىڭ چاڭگىلىدا.
مالىك 2006-يىلى تەختكە چىققاندىن بۇيان، ھوقۇق دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، يەنە ئۆز بۇيرىقىغا بوي سۇنىدىغان ئالاھىدە قىسىم قۇردى، ھازىر بۇ ئەسكىرى كۈچلەر باغداتنى جان تىكىپ قوغدىماقتا. ئىراق ۋە لۋانت ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى جەنۇبتا باغداتقا تەھدىت سېلىۋاتقان پەيتتە، مالىك پۈتۈن مەملىكەتنى جىددىي ھالەتكە باشلاپ كىرىپ، تېخىمۇ چوڭ ھوقۇققا ئىگە بولماقچى بولدى. گەرچە ئۇنىڭدىن تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلىش سادالىرى پەسەيمىسىمۇ، لېكىن مەيلى كىم تەختكە چىقمىسۇن ئىراقتا كەلگۈسىدە ناپالىيونغا ئوخشاش بىر مۇستەبىت پەيدا بولىدۇ. 2013-يىلى ئىراق ئۇرۇشى پارتىلىغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، نۇرغۇن ئىراقلىقلار «مۇقىم، باياشاتچىلىققا تولغان سادام دەۋرىنى» سېغىنىدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈردى.
مەيلى ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ تەختكە چىقىشىنى ھىمايە قىلسۇن ياكى ئىلگىرىكى ۋاقىتنى ئەسلىسۇن، مىسىر، سۇرىيە ۋە ئىراقتا يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەلەر ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پىسخىكىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئەرەب ئەللىرى داۋالغۇش ئىچىگە پېتىپ قالدى. تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار ۋەكىللىكىدىكى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى تىنچ ئامان قالدى. ئۇلارنىڭ رايوندىكى تەسىرى كېڭەيدى. ئەمەلىي كۈچى بىردە ئاجىزلىسا بىردە ئېشىۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا، بۇ دۆلەتلەر مۇقىم سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، كەينى كەينىدىن رايون ئىشلىرىغا ئارىلىشىش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.
2011-يىلى مارتتىن ھازىرغىچە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر بەھرەيىندىكى شىئە مەزھىپىنى ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرۇپلا قالماستىن، يەمەن كىرزىسىنى ياراشتۇردى، يەنە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنى كازافىي ھاكىمىيىتىگە قورال ئىشلىتىشكە كۆندۈردى ھەمدە لىۋىيە بىلەن سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرگە زور كۈچ بىلەن ياردەم بەردى. ھەتتا ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا مەبلەغ ياردەم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر ئىراننى جازالاشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا شەرق نۇسخىسىدىكى «مۇقەددەس ئىتتىپاقداشلىق» ئورناتماقچى بولدى. ئەسلىدە يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «قوشنىلار بىلەن ھىچقانداق مەسىلە بولماسلىق» سىياسىتىنى يۈرگۈزىۋاتقان تۈركىيەمۇ رايون مالىمانچىلىقى باشلانغاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ مۇبارەكنىڭ تەخىتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى، كازافىينى تەخىتتىن چۈشۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشتى، يەنە سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنى قوللايمىز دەپ موقاپ توۋلاپ، قورال كۈچى ئارقىلىق سۇرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلاشماقچى بولدى.
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر گەرچە بىر مەھەل تىنچ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن 2013-يىلىدىن بۇيان، بۇ سەۋەپلىك پەيدا بولغان رايون ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھەرىكىتىدە ئۈچ ئىشتا زەربىگە ئۇچرىدى: بىرىنچىسى باشار ھاكىميىتى ھالاك بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان بولسىمۇ لېكىن ئاغدۇرۇلمىدى، بولۇپمۇ ئامېرىكا سۇرىيەگە قورال ئىشلىتىشنى رەت قىلىپ، تۈركىيە بىلەن پارىس قولتۇقى ئەللىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ سۇرىيەگە ئارىلىشىشنىڭ ئاقىۋىتى شۇ بولدىكى سۇرىيەنىڭ پاجىئەسى ئۆزىدىمۇ كۆرۈلدى.
2014-يىلى 6-ئايغىچە، مەزكۇر دۆلەتتە تۇرىۋاتقان سۈرىيە مۇساپىرلىرى 1 مىليون 50 مىڭ كىشىدىن ئاشتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 220 مىڭ كىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈنلا، 2 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرىپ قىلدى. قالغان 800 نەچچە مىڭ سۈرىيە مۇساپىرى پۈتۈن تۈركىيە زىمىنىغا تارقىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئامانلىقىغا زور بېسىم پەيدا قىلدى. ئىككىنچىدىن، 2013-يىلى 7-ئايدا مىسىرنىڭ مورسى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، تۈركىيە ۋە قاتارنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدىكى سېلىنمىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىپلا قالماستىن، مىسىر، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر سېسىنىڭ تەخىتكە چىقىشىنى قوللىغانلىقتىن، بۇ دۆلەتلەر ئۆزئارا بۇغۇشتى.
رايون ئارىلىشىش ھەرىكىتىنىڭ قالدۇق كېسىلى بارغانسېرى گەۋدىلىنىپ، ئىشنى يامىنىغا تاتقۇچىلارنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى. لىۋىيەدە ھەرقايسى كۈچلەر ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشتى. بۇنىڭدىن باشقا لىۋىيە يەنە تېررورچىلىق ئاپەت رايونىغا ئايلاندى. 2012-يىلى 11-سىنتەبىر ئەسەبىي تەشكىلات «ئەنسار بېرىگادىسى» ئامېرىكىنىڭ بەنغازىدىكى كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، باش ئەلچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 ئامېرىكىلىقنى ئۆلتۈردى. زور تۈركۈم لىۋىيە قوراللىق ئۇنسۇرلىرى يەنە تۈركىيە چىگرىسى ئارقىلىق سۈرىيەگە كىرىپ جەڭ قىلدى.
يېقىندىن بۇيان زورىيىپ كەتكەن «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى» قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ زور قىسىم زىمىنىنى ئىگىلىۋېلىپلا قالماستىن، تىغ ئۇچىنى ئەسلىدىكى خوجايىنىغا قاراتتى.
يولۋاس بېقىپ ئۆزىگە بالا تېپىۋالغان تۈركىيە ۋە پارىس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر ئەمەلىيەتچىل بولۇش يولىغا قايتىشقا باشلىدى. يېقىندا تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلى سۈرىيەنىڭ ئەركىن سايلىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ سۈرىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى تىپىنى ئۆزگەرتىشى باشارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بىلەن باراۋاەر ئىدى. سەئۇدىي ئەرەبىستانىمۇ سۈرىيە مەسىلىسىدە غەرىب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق كۆلىمىنى كىچىكلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا سۈرىيەگە قارشى ئىتتىپاقى يىمىرىلىشقا باشلىدى. 2013-يىلى 11-ئايدىن 2014-يىلى 1-ئايغىچە تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇت ئوغلى بىلەن زۇڭلى ئەردوغان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئىراندا زىيارەتتە بولۇپ، ئىراننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، جىددىيلىشىپ كەتكەن تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
شىددەت بىلەن يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان تېررورچىلىق ئالدىدا، سەئۇدىي ئەرەبىستانى پادىشاھى سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللايدىغان بەندەر شاخزادىنى ھوقوقىدىن قالدۇرۇپ، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان شاھزادە نايىفنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويدى. ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ شۇ يىلى 6-ئايدا سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا قاتناشقان 7 تېررورچى گۇماندارىنى سوتلىدى. تەلىيى ئوڭدىن كەلمىگەن قاتار 2013-يىلى 6-ئايدا تامىم خامادنىڭ ئورنىغا ئەمىر بولغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن تەخىتكە چىققان مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىگە تەبرىك تېلىگراممىسى ئەۋەتتى. تۈرلۈك ئالامەتلەردىن قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرىقتە بىر مەھەل ھۆكۈم سۈرگەن رايون ئارىلىشىش ئېقىمى كەينىگە چېكىنمەكتىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved