ياۋروپادىكى ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن كۇلۇبلار

پۇتبول دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئادەم ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە تۈرى بولۇش سالاھىتى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، ھەر قايسى كۇلۇبلارمۇ داڭلىق چولپانلار ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىگە ئاساسەن خېلى كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشتى. يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرى ياۋروپادىكى باجدىن كېيىن ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن 12 كۇلۇبنى ئېلان قىلغان، ئۇنداقتا بىزمۇ بۇ كۇلۇبلارنى كۆرۈپ باقايلى.

12-دورتموند: ئېرىشكەن پايدىسى 43 مىليون ياۋرۇ. گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئىككىنچى چوڭ كۇلۇب، سىرىق ھەرە قوشۇنىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىپادىسى ياخشى بولماقتا، كۇلۇب تەرەپمۇ ئاللىقاچان ئىقتىسادى قىينچىلىقنى تۈگىتىپ، دۇنيادىكى ئىقتىسادى ياخشى كۇلۇبلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

11-خىرۇستال ئوردا: ئېرىشكەن پايدىسى 46 مىليون ياۋرۇ. بۇ كۇلۇبنىڭ بۇ قېتىملىق تىزىملىككە كىرىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بىراق ب كۇلۇب ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە توختىماي تىرىشىپ، ئاخىرى زىياننى پايدىغا ئايلاندۇردى.

10-موناكو: ئېرىشكەن پايدىسى 50 مىليون ياۋرۇ. فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى بۇ كۇلۇب يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان خېلى كۆپ پايدىغا ئېرىشتى، ئۇلار ئاساسلىقى داڭلىق چولپانلارنى سېتىپ پايدىغا ئېرىشتى، تىپىك مىسالى بۇ يىل مانچېستىر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان مارشال.

9-چېلسى: ئېرىشكەن پايدىسى 52 مىليون ياۋرۇ. چېلسى يېقىنقى نەچچە يىلدا چولپانلارنى قوشۇۋېلىشقا بەك كۈچەپ كەتمىدى، مەشقاۋۇل مورىنىھومۇ يۇقىرى باھالىق توپچىلارنى قوشۇۋېلىشتىن ۋاز كېچىپ مۇۋاپىق باھادىكى توپىلارنى سېتىۋالدى، شۇنداقلا كوماندىدىكى بەزى توپىلارنى خېلى يۇقىرى باھادا سېتىپ چىقاردى.

8-لىۋېرپۇل: ئېرىشكەن پايدىسى 60 مىليون ياۋرۇ. قىزىل قوشۇننىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىپادىسى تازا ياخشى ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن دۇنيادىكى كونا زەردار كۇلۇبلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا تەسىر كۈچىمۇ خېلىلا زور

7-ئارسىنال: ئېرىشكەن پايدىسى 60 مىليون ياۋرۇ. مەشقاۋۇل ۋىنگىر ئەزەلدىن كوماندىنىڭ مالىيەسىنى ئادىل باشقۇرۇپ نام چىقارغان، ئۇنىڭ كوماندىنى قۇرۇپ چىقىش پىلانىمۇ ناھايىتى مۇكەممەل.

6-مانچېستىر شەھرى: ئېرىشكەن پايدىسى 70 مىليون ياۋرۇ. مەنسۇر باي كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن مەبلەغنى خېلى كۆپ سالدى، مانچېستىر شەھرىمۇ مەبلەغكە لايىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيانقى نەتىجىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

5-بارسېلونا: ئېرىشكەن پايدىسى 79 مىليون ياۋرۇ. ئىسپانىيە زەردارى بارسېلونانىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، كوماندىدىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ مائاشى ئۇلارنىڭ بېشىنى ئەڭ قاتۇرىدىغان مەسىلە، بىراق كۇلۇب ئېلان ھەمكارلىقىدىنمۇ نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشكەن.

4-بايرىن مىيۇنخىن: ئېرىشكەن پايدىسى 83 مىليون ياۋرۇ. گېرمانىيە زەردارى بايرىن مىيۇنخىن ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ۋە بىۋاستە تارقىتىش كىرىمى ئارقىلىق نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشتى، شۇڭا باشقا كۇلۇبلارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگەللىشى قىيىن.

3-خانلىق مادرىد: ئېرىشكەن پايدىسى 98 مىليون ياۋرۇ. خانلىق مادرىدنى دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس كۇلۇب دىيىشكە بولىدۇ، رەئىس فىلورىنتىنومۇ توختىماستىن داڭلىق چولپانلارنى قوشۇۋالىدۇ، بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن سودا مەبلىغىگە ئېرىشىدۇ، ئادەتتىكى دوستلۇق مۇسابىقىلىرىدىمۇ نۇرغۇن پايدا ئالىدۇ.

2-پارىژ سانت گېرمان: ئېرىشكەن پايدىسى 114 مىليون ياۋرۇ. بۇ كۇلۇب ئاللىقاچان زەردارلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك شەرتلەرنى ھازىرلاپ بولدى، بۇ كۇلۇبنىڭ ياۋرۇپادىكى تەسىر دائىرىسىمۇ كۈنسىرى ئېشىپ بارماقتا.

1-مانچېستىر بىرلەشمىسى: ئېرىشكەن پايدىسى 140 مىليون ياۋرۇ. كونا زەردار مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ پايدىسى ئاللىقاچان 140 مىليون ياۋرۇغا يېتىپ، ياۋرۇپادىكى ئەڭ كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن كۇلۇب بولۇپ قالغان.








خەتكۈچلەر:
24-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگەندە نۇر تورى تەمىنلىگەن توپچىلار تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇمىنىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى: ترېنېر: يوردانېسكۇ Iordanescu قاپقىچى: 1-پ...
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
Powered by Leglek