بىر ئەر قۇلىقىنى ھېس قىلىپ، دوستىغا دورا تېمىتقۇزغاندىن كېيىن، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن غەلىتە مەخلۇق ئۆمىلەپ چىققان.
بۇندىن كېيىن قۇلاققا نائۇشنىك تىقىۋېلىپ يۈرسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ، تۈكلۈك قۇرۇتنىڭ كىرمەيدىغان يېرى يوق ئوخشايدۇ، بۇ قورقۇنۇچلۇق قۇرت بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا بەك جىقكەن. سۈرەتتىكى بۇ ئەر ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن، قۇلىقىدا بىر نەرسە باردەك ھېس قىلىپ، دوستىغا قاراپ بېقىشنى ئېيتقان، دوستى ئۇنىڭ قۇلىقىدا غەلىتە نەرسە باردەك ھېس قىلىپ، دورا تېمىتىشنى تەۋسىيە قىلغان، ئۇزۇن ئۆتمەيلا راست دىگەندەك تۈكلۈك قۇرۇت ئۆمىلەپ چىققان.
قۇلاق دورىسىنى ئاستا ئاستا تېمىتقان.
قورنۇچلۇق ئۆمۈچۈك ئۆمىلەپ چىققان.
ئادەمنى نىمانچە قورقىتىدۇ. نىمانچە يوغان ئۆمۈچۈك بۇ.
بۇ ئۆمۈچۈك قۇلاقتىن چىققاندىن كېيىن، قورقۇپ كەتمەي، قۇلاقنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەن، خۇددى قايتىدىن ئۇۋا تاپماقچى بولغاندەك كۆرىنەتتى. ھېلىمۇ ياخشى دوستى دەل ۋاقتىدا بايقاپ ياردەم قىلغان، بولمىسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس.
قۇرۇتلار ئادەملەر ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتتا، قۇلاقنىڭ ئىچىگە كىرىۋالىدىغان ئىشلار بار، دوختۇر بۇرۇن بىمارلارنىڭ قۇلىقىدىن سەكسەن پۇت، چېكەتكە دېگەندەك قۇرۇتلارنى ئېلىۋەتكەن ئىكەن. ئۇخلايدىغان مۇھىتنى پاكىز، رەتلىك تۇتقاندا بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. ئەگەر قۇلاق ئىچىدە غەلىتە نەرسىلەر بايقالسا، قالايمىقان كوچىلماي، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved