تۇمان سۆڭگىسى تۇمان باسقان كۈنلىرى دەرەخ شاخلىرى ۋە توك سىملىرى ئۈستىدە قاتقان سۆڭگىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنزىرە قىش كۈنلىرى شىمالىي رايوندا كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ «قىشتىكى ئەڭ جەزبىدار گۈل» دەپ تەرىپلىنىدۇ. تۇمان سۆڭگىسى تۇماندىكى مۇز ھالىتىگە ئۆتمىگەن سانسىزلىغان تۇمان دانچىلىرىنىڭ دەرەخ شاخلىرى قاتارلىق جىسىملارنىڭ ئۈستىگە ئۈزلۈكسىز يىغىلىپ قېتىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئاق ياكى سۈت رەڭدىكى سۈزۈك بولمىغان چۆكمە مۇزنى كۆرسىتىدۇ. تۇمان تەركىبىدە سوۋۇتقۇچ سۇ دانچىلىرى بولسا ھەمدە بەلگىلىك تېمپېراتۇرىغا يەتكەندە تۇمان سۆڭگىسى ھاسىل بولىدۇ. باغراش ناھىيەسىدە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئاز كۆرۈلىدىغان تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تۇمان سۆڭگىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلىدى.
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved