ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 26-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئېرۇسالىمنىڭ بىخەتەرلىك تەرتىپىنى قوغدايدۇ. ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، نىتانىياخۇ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېتنىڭ قەرەرلىك يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: ئىسرائىلىيە شەرقىي ئېروسالىمدىكى ئەرەبلەر رايونىغا 1 مىڭ ساقچى ۋە ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىدۇ ھەمدە بارلىق زۆرۈر بولغان قۇرال كۈچىنى ئىشلىتىپ ئەرەبلەرنىڭ ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىغا قاراتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توسىدۇ. ئۇ يەنە، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي كۈچلىرىنى شەرقىي ئېروسالىمدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلغۇچى قارا قول، دەپ ئەيىبلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved