تېڭشۈن خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
كورىيە ‹‹ پايتەخىت كۈندىلىك گېزىتى ›› نىڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كورىيەلىك جاۋ خانىم 7 يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن يولدىشىنىڭ جەسىدىنى ئۆيىدە ساقلاپ كەلگەن ، بىراق ساقچى تەرەپنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسلاغاندا جاۋ خانىمنىڭ قىلغىنى جىنايەت شەكلىللەندۈرمىگەن .
جاۋ خانىم بىر كەسپى دورىگر بولۇپ بولۇپ ، ئۇنىڭ يولدىشى 2007-يىلى ھۈجەيرە قالايمىقانلىشىش كېسىلىگە گېرىپتا ، شۇ يىلى 12-ئايدا ئۆلۈپ كەتكەن . شۇ ۋاقىتتىن بىرى جاۋ خانىم يولدىشنىڭ جەسىتىنى ياتاق ئۆيىدە ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگەن .
ساقچىلار جاۋ خانىمنىڭ ئۆيىگە تەكشۈرۈشكە كەلگەندە ، ساقچىلار جەسەدنىڭ خۇددى ئۇخلاپ قالغاندەك يوتقان يېپىغلىق ھالەتتە ياتقۇزۇلغانلىقىنى كۆرگەن . جەسەت زەخمىلەنمىگەن ئەمما جەسەت ھالىتىگە ئۆزگىرىۋاتقان ئىكەن .
جاۋ خانىم ساقچىلارغا مۇنداق دېدى : ‹‹ ئۇ ئۆزى ۋە باللىرىنىڭ ھەر كۈنى جەسەتكە قاراپ سۆزلەيدىغانلىقىنى ، ھەتتا سىرتقا چىقىش ، ئىشقا مېڭىش ئالدىدا ئۇنىڭغا سالام قىلىمەن ›› . ساقچىلار جاۋ خانىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ئوڭايسىزلاندى ۋە كۆڭلى يېرىم بولدى .
ساقچىلار جاۋ خانىمنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرگەندە جاۋ خانىم ئۇلارغا يولدىشى بىلەن پاراڭلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved