لاسۋېگاس ۋاقتى 20-دېكابىر، 64-نۆۋەتلىك يەرشارى خانقىزىنى تاللاش مۇسابىقىسى ئامېرىكىنىڭ لاسۋېگاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. رىياسەتچى مۇكاپاتلاش تىزىملىكىنى خاتا كۆرۈپ قېلىپ، چېمپىيونلۇق تاجىنى 2-دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرغا تاقاپ قويدى. ئەڭ دەسلەپتە رىياسەتچى بۇ نۆۋەتلىك ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونىنىڭ كولومبىيەلىك ساھىبجامال ئالېيۋالو ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان، ئالدىنقى نۆۋەتلىك يەرشارى خانقىزى ئۇنىڭغا تاجنى تاقاپ قويماقچى بولغان، ئالېيۋالومۇ خۇش تەبەسسۇم بىلەن سەھنە ئالدىغا كېلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ تەبرىكىنى قوبۇل قىلغان، تۇيۇقسىزلا، رىياسەتچى بىر نېمە ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپلا ئالېيۋالونىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ خاتالىشىپ، مۇكاپاتلاش تىزىملىكىنى خاتا كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: ‹‹كۆپچىلىك، خىجىلمەن، كولومبىيە خانقىزى 2-بولغان، چېمپىيون بولغىنى فىلىپپىن خانقىزى ئىدى.›› ئەسلىدە بۇ نۆۋەتلىك يەرشارى خانقىزى چېمپىيونى فىلىپپىنلىق ساھىبجامال ۋۇزىباخ بولۇپ، ئالېۋالونىڭ چېمپىيونلۇقى بىكار بولغان، ئالدىنقى نۆۋەتلىك چېمپىيون ۋۇزىباخ تاج تاقىغان. بۇ ئىشتىن كېيىن، رىياسەتچى ئۆزىنىڭ تورىدا كولومبىيە خانقىزىدىن ئەپۇ سورىغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved