2014-يىللىق فۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى 25-ئۆكتەبىر شاڭخەيدە ئېچىلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، رۇسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن ئايرىم ئايرىم تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنبەرنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقى، مۇنبەرگە قاتناشقان رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەن تېخنىكا تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يېڭىلىق يارىتىش دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا يېڭى نۆۋەتلىك پەن تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتى بارلىققا كېلىپ گۈللەپ ياشنىماقتا؛ ئىلىم پەن بارغانسېرى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق كۈچكە ئايلانماقتا.
جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىگە تۈرتكە بولماقتا؛ پەن تېخنىكا ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.بىز خەلقئارا پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ،يەر شارى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش تورىغا پائال قاتنىشىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانلار يولۇقۇۋاتقان ئورتاق خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:رۇسىيە پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئۆزگىچە ئەمەلىي كۈچكە ئىگە، كۆپلىگەن پەن تېخنىكا ساھەلىرىدە زور يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى. ئىشىنىمەنكى مەن زوڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش بويىچە، ئىككى دۆلەت پەن تېخنىكا بولۇپمۇ يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ؛ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىشىغا پايدىلىق.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ ئاساسىي تېمىسى ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش، پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش.يىغىننىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئىدىيىسىنى تارقىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىۋى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق سەھنىسى بولۇپ، خەلقئارا پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۇتىن تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو تەڭداشسىز ئىقتىساد يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. كۆپلىگەن ساھەلەردە مول ھەمكارلىق تەجرىبىلىرى بار. ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستىقبالغا ئىگە يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرىنى پال يولغا قويۇش، ئىككى دۆلەت پەن تېخنىكا ساھەسى ۋە سودا سانائەتچىلەر ساھەسى ئارىسىدىكى بىۋاسىتە مۇناسىۋەت يوللىرىنى ئېچىش ھازىر ئىنتايىن مۇھىم. ئىشىنىمەنكى 2014-يىللىق فۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئۈچۈن يېڭىدىن مۇستەھكەم ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىدۇ.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، پەن تېخنىكا مىنىستىرى ۋەن گاڭ، رۇسىيە زوڭتۇڭى مائارىپ ئىلىم پەن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، زوڭتۇڭ مەسلىھەتچىسى پۇرشيەنكو مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئايرىم ئايرىم شى جىنپىڭ ۋە پۇتىننىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى.
فۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى 2008-يىلى قۇرۇلغان، پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە تەسىس قىلغان بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇنبەردە يېڭىلىق يارىتىش ئاساسى تېما قىلىنغان بولۇپ، مەۋقە دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتىلغان؛خەلقئارا نەزەر دائىرىدە چىڭ تۇرۇلغان، دۆلەتنىڭ ئىچكى تاشقى يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى تۈرلۈك قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردە چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ. رۇسىيە تەكلىپكە بىنائەن بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردىكى ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved