گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۆنۈگۈن مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MH 17- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىف گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى رۇدغا ئايرىم ئايرىم ھال سوراپ تېلىگرامما ئەۋەتتى.
لى كېچياڭ نەجىفگە يوللىغان تېلىگراممىسىدا مۇنداق دېدى: مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ MH 17- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 298 يولۇچى ۋە ئايروپىلان خادىمىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتۇق، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىغە ۋاكالىتەن مالايسىيا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمى ھال سورايمەن. ئايروپىلاندىكى قازا قىلغانلارغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمەن.
لى كېچياڭ رۇدقا ئەۋەتكەن تېلىگراممىسىدا مۇنداق دېدى: گوللاندىيەنىڭ كۆپ ساندىكى پۇقراسىنىڭ مالايسىيە شىركىتىنىڭ MH 17- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتۇق، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىغە ۋاكالىتەن، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمى ھال سورايمەن، قازا قىلغانلارغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمەن.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved