6-ئاينىڭ 25-كۈنى، چۈەنجۇ پۇجاڭ شەھىرىگە جايلاشقان فۇجيەن شىڭخۇا پاي چەكلىك شىركىتىدە خادىملار يىغىۋېلىنغان كونا سۇلياۋ بوتۇلكىلارنى يۆتكىمەكتە. پىژغىرىم ئاپتاپتا كىشىلەرنىڭ سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىشىغا ئەگىشىپ سان-ساناقسىز سۇلياۋ بوتۇلكىلار تۇرمۇش ئەخلىتىگە ئايلانماقتا. فۇجيەن ئۆلكىلىك چۈەنجۇ شەھىرىدە بەزى كارخانىلار ئۆزلىرى تەتقىق قىلىش، ئاكتىپ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ‹قايتا مەنبە ھاسىل قىلىش-تۆۋەن كاربون ئىشلەپچىقىرىش-مۇھىت قوغداشقا ئىشلىتىش-مەنبە يىغىۋېلىش-قايتا مەنبە ھاسىل قىلىش› تەك ئايلانما ئىقتىساد سېستىمىسىنى قوللىنىپ ئىشلىتىلگەن سۇلياۋ بوتۇلكىلىرىنى پىششىقلاش ئارقىلىق توقۇشقا بولىدىغان تالا مەھسۇلاتلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، كىيىم-كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارغا ماتېرىيال تەمىنلەپ، ‹ئەخلەتتىن قايتا پايدىلىنىش› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملىك ھالدا ئەخلەتلەرنى قايتا يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشتىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved