ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى: ئىمبارگو تامامەن بىكار قىلىنىشى كىرەك

جاھان ئاگېنتلىقى 4-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى ئاراكچى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  كېررىينىڭ «ئىرانغا قارىتىلغان جازالار باسقۇچلۇق ھالەتتە بىكار قىلىنىدۇ» دىگەن سۆزىگە رەددىيە بىلدۈردى، ئاراكچى؛ «ئىرانغا قارىتىلغان ئىمبارگولار، كېلىشىم ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان تۇنجى كۈنى تامامەن بىكار قىلىنىدۇ» دېدى.
ب ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمى ئەزالىرى، ئامېرىكا، روسىيە، جۇڭگو، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە قاتارلىقلار تەشكىل قىلغان «5+1 گۇرۇپپىسى» بىلەن ئىران ئارىسىدا ھاسىل بولغان كېلىشىمدىن كېيىن، تېھرانغا يۈرگۈزۈلگەن جازالار ھەققىدە ھەر قايسى تەرەپلەردىن پەرقلىق باياناتلار ئېلان قىلىندى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى ۋە باش مەسلىھەتچى ئابباس ئاراكچى، ئىران دۆلەتلىك تېلىۋېزىيسىدە سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىنىڭ ئەكسىچە، دۆلىتىگە قارىتىلغان جازالارنىڭ بىرلا قېتىمدا بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاراكچى،   كېررىينىڭ ئىرانغا قارىتىلغان جازالارنىڭ باسقۇچلۇق ھالەتتە بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتقان سۆزىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ سۆزلەرنىڭ ھېچبىرى توغرا ئەمەس، كېلىشىم تېكىستى تامامەن ئاشكارا. ئىقتىسادى جازالار ۋە ب د ت خەۋىپىسزلىك كېڭىشى بېكىتكەن بارلىق ئىمبارگولار، كېلىشىم ئىجرا قىلىنغان تۇنجى كۈنى تامامەن بىكار قىلىنىدۇ». ئاراكچى، 2-فېۋرالدا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى  زەرىف ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالى ۋەكىلى Federica Mogherini تەرىپىدىن ماقۇللانغان ئورتاق ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەن نوقتىلارنىڭ ئاشكارا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يادرو مۇزاكىرىسىدە ئىران ۋە غەرب ئەللىرى ئارىسىدا پەيشەنبە كۈنى «سىياسىي رامكا كېلىشىمى» تۈزۈلدى. كېلىشىمنىڭ لايىھەسى يېزىلىشقا باشلىنىدۇ ۋە بارلىق شەرتلەر ئورۇندالغاندا 30-ئىيۇندا ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ كېلىشىم ئىمزالىنىدۇ.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى  ئوباما ھاسىل بولغان كېلىشىمگە ئالاقىدار سۆز قىلىپ؛ «بۇ ياخشى ۋە تارىخى بىر يارىشىشتۇر، ئەگەر ھەل قىلغۇچ كېلىىشم ھاسىل بولسا دۇنيا تېخىمۇ بىخەتەر بىر ھالەتكە كېلىدۇ. ئىراننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يادرو قورالىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بولمايدۇ، ئەگەر ئىران كېلىشىمگە رىئايە قىلسا ئىرانغا قارىتىلغان ئامېرىكا ۋە ب د ت نىڭ جازالىرى باسقۇچلۇق ھالەتتە بىكار قىلىنىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا جازالار قايتىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ» دېدى.
ئىران پرېزىدېنتى  رۇھانى، تىۋىتتېر ھىساباتى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران بىلەن 5+1 دۆلەتلىرى ئارىسىدا يۈرگۈزۈلگەن يادرو مۇزاكىرىسىدە ئاچقۇچلۇق تېمىلار ھەققىدە ھەل قىلىش چارىسى تېپىلغانلىقى ۋە كېلىشىم لايىھەسىنى تەييارلاشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



04-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
24-05-2016
    بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى تۇرمۇش تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان شىۋېتسارىيە ھەر ئايدا پۇقرالىرىغا ھەقسىز 2500 ئامېرىكا دوللىرى تارقىتىش مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىۋېتىپتۇ.شىۋېتسارى...
24-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىستانبۇلدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئىنسانپەرۋەرلىك يىغىنىدا گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى مېركىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۆز ق...
24-05-2016
    بىلۇمبېرگ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نېفىت بازىرىنىڭ خارابلىشىشى رۇسىيەدە ساقلىنىپ قالغان باشقا ساھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇلار گۈللەپ ياشناش ئۇسۇلىنى تاپتى.     رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن مالىيە...
24-05-2016
    ئاسىيا-ياۋروپا تورى خەۋىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق تاجىكىستان ۋاكالەتخانىسىنىڭ مۇدىرى مالكوۋىچنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل 5740 تاجىكىستانلىق رۇسىيەگە كۆچمەن بولۇش پىلانىغا قاتنىشىشقا ئىلتىماس سۇنغان،...
24-05-2016
يەر شارى تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ريېتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ بىرىلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى دائىمىي ئىش بېجىرىش ئورنىدا ت...
24-05-2016
شىنخۇا تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىرمىنىڭ شىمالىدىكى كاچىن شىتاتىدىكى بىر قاشتاش كانىدا 24- ماي گۆمۈرلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، تەخمىەن 100 ئادەم كان قۇدۇقى ئاستىغا قاپسىلىپ قالغان،...
24-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 24-ماي، چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن ئاق رەڭلىك كالتا يەڭ كۆڭلەك كىيىپ، كۆز ئەينەك تاقىۋالغان ھالدا تۇز مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ھەمدە خى...
24-05-2016
يەر شارى تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا ۋول كوچىسى گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 5- ئاينىڭ 23- كۈنى ھىندىستان زۇڭلىسى مۇدى، ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى ۋە ئىر...
24-05-2016
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 24-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     BNO News تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن ئىشتاتتىكى ئون نەچچە مەكتەپ پارتلىتىش تەھدىتى سەۋەبىدىن تاقالغان. &n...
24-05-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 23-ماي، چېلسى گۈل كۆرگەزمىسى ئەنگلىيەنىڭ لوندوندا باشلانغان بولۇپ، خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى ۋە جەمئىيەتتىكى مەشھۇر ئەربابلارنى ئېكىسكۇرسىيەگە جەلىپ قىلغان. يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «چېلسى گۈل كۆرگە...
Powered by Leglek