ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا كولورادو شىتاتىدىكى Elaine Diehl ئىسىملىك سەنئەتكار 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، 13 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىر مىكرو تىپلىق ئويۇنچۇق ئۆي ياساپ چىققان. بۇنىڭ قىممىتى سەككىز مىلىيون 500 مىڭ دوللار ئىكەن.
بۇ مىكرو تىپلىق ئۆينىڭ ئىلھامى ۋىكتورىيە دەۋرىدىكى شائىر Tennyson نىڭ «پىياز خانقىز» دېگەن شېئىرىدىن كەلگەن. بۇ Elaine Diehl دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەڭ ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرگە ھاۋالە قىلىپ ياساتقان مىكرو ئويۇنچۇق ئۆي ئىكەن. بۇ ئۆي يەتتە قەۋەتلىك، ئېگىزلىكى 2.7 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 29 ھۇجرىسى بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ناھايىتى كۆپ ئۆي جاھازىلىرى، ماي بوياق رەسىملىرى، پىئانىنو قاتارلىقلار بار ئىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved