جاھان ئاگېنتلىقى 1-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: پەلەستىن، خەلقئارا جازا مەھكىمىسىگە رەسمى ھالدا ئەزا بولدى. پەلەستىن ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى «ئۇرۇش جىنايىتى» سەۋەبىدىن مەھكىمىگە ئەرز قىلالايدۇ.
پەلەستىن ھۆكۈمىتى، خەلقئارا جازا مەھكىمىسىگە ئەزالىقىنىڭ رەسمىيلىشىشى بىلەن «ئۇرۇش جىنايىتى» سادىر قىلغان ئىسرائىلىيەلىكلەر ھەققىدە داۋا ئاچالايدۇ. خەلقئارا جازا مەھكىمىسى پەلەستىننىڭ تەلىپى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ زۆرۈر دەپ قارىغاندا ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ.
جازا مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى بىۋاستە سوتقا تارتالمايدۇ، ئەمما ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا سادىر قىلغان جىنايەتلىرى جازا مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلىدۇ.
پەلەستىن دائىرلىرى، مەھكىمىگە سۇنۇش ئۈچۈن ئىككى دانە دوكلات تەييارلاۋاتىدۇ. بۇلاردىن بىرى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار، يەنە بىرى بولسا ئىسرائىلىيەنىڭ بۇلتۇر ئىيۇلدا غەززەگە قاراتقان ، 2 مىڭدىن كۆپ كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇملىرىغا ئالاقىدار.
پەلەستىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان پەلەستىن زېمىنلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلغان قارار لايىھەسى قۇبۇل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىتالىيە قاتارلىق 20 خەلقئارا كېلىشىمگە قاتنىشىشقا ئىمزا قويغان ئىدى.
ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ خەلقئارا جازا مەھكىمىسىگە قاتنىشىش قارارىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن ئىدى،
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ؛ ئادرېسى: LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved