ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىسى كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئىتالىيەلىك مەشقاۋۇل ئەنچىلوتتى بايرىن مىيۇنخىننىڭ تەكلىپىگە قوشۇلۇشتىن ئىلگىرى، مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان ئىكەن. بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن ئەنچىلوتتى ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، مادرىد تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلغاندىن بۇيان مەشقاۋۇللۇق قىلماي ئارام ئالغان، بىر قانچە ئاي ئىلگىرى مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۇنى ۋانگالنىڭ ئورنىغا تەكلىپ قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا گوللاندىيەلىك ۋانگالنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمىغان، بىراق ئەنچىلوتتى مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى مورىنىھونىڭ مانچېستىر بىرلەشمىسىگە مەشقاۋۇللۇق قىلىدىغانلىق خەۋىرى چىققان، كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئەنچىلوتتى مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان، چۈنكى ئۇلار بەكلا كېچىكىپ قالغان، ئۇ ۋاقىتتا گېرمانىيە زەردارى بايرىن مىيۇنخىن ئاللىقاچان ئەنچىلوتتىنى تەكلىپ قىلىپ بولغان ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved