سۈرەتتە: ئافغانىستان پايتەختى كابۇل شەھىرىدىكى شىئە مەزھىپى مەسچىدى، ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىغان ئافغانىستان خازاراس (Hazaras) كىشىلىرى يېڭى يىلدا روھى كېسەل بىمارلىرىنى مۇشۇ مەسچىتكە ئېلىپ كېلىپ، قۇرئان ئوقۇسا كېسىلى شىپا تاپىدۇ، دەپ قارايدۇ.جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 24-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستان قويۇق ئىسلامى پۇراققا ئىگە بولغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس قۇرۇلۇش مەدەنىيىتى ياراتقان، بىراق ئۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت ئىچى قالايمىقانچىلىقى، ئۇرۇش ۋە مەزھەپلەر توقۇنۇشى سەۋەبىدىن دۆلەت خارابلاشتى، ۋەكىل خاراكتىرلىك ئىمارەتلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. ئۇنداقتا بىز كابۇل شەھىرىدىكى ئىمارەتلەرگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.
سۈرەتتە: ئابدۇل راھمان مەقبەرىسى (Abdul Rahman Mausoleum)، ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىش بېجىرىش ئورگىنى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
كابۇل گۈل-قۇش بازىرى، بۇ بازاردا ھەر خىل قۇش ۋە توشقان قاتارلىق كىچىك
ھايۋانلار سېتىلىدۇ. ئافغانىستاندا قۇش سوقۇشتۇرۇش خېلى ئالقىشقا ئېرىشىدىغان بىر
كابۇل ھايۋاناتلار باغچىسى ئەتراپىغا جايلاشقان ئەنگىلىيە قارشى تۇرۇش ئۇرۇش
ئابىدىسى، ئافغانىستان تارىخىدا ئۈچ قېتىم ئەنگلىيەگە قارشى ئۇرۇش پارتىلىغان. بۇ
دەل ئىمپىراتور قەبرىستانلىقى پەيدا بولۇشنىڭ بىر سەۋەبى.
كابۇل شەھەر سىرتىدىكى خارابىلىككە ئايلانغان دارۇ ئومان سارىيى (Daru Oman
Palace)، بۇرۇنقى خان ئوردىسى بولغان بۇ ساراي ئالدىنقى ئەسىرنى 20-يىللىرى
ئافغانىستاننىڭ زامانىيۋىلاشتۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ مەسئۇلى، بىراق كېيىن
سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 40 نەچچە يىللىق ئۇرۇش ئوتىدا
خارابلىشىپ كەتكەن. ئافغانىستان زۇڭتۇڭى گانى (Ghani) مەزكۇر ساراينى قايتىدىن
رېمونت قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
كابۇل ئايرودرومى دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە بىناسى، ئىككى تەرەپ ئايرىم-ئايرىم
ھالدا شىمالىي بىرلەشمە رەھبىرى ماسۇد (Masood)ۋە سابىق زۇڭتۇڭ كارزاي (Karzai) نىڭ
سۈرىتى.
كابۇل «خان سارىيى» (王府井)--توخۇ كوچىسى ئەتراپىدىكى بىر ئەنئەنىۋى ئۆي
جابدۇقلىرى دۇكىنىنىڭ ئىشىكى. توخۇ كوچىسى دەپ ئاتىلىشتىكى سەۋەب بۇرۇن بۇ جايدا
توخۇ سودىسى قىلىناتتى. بىراق ھازىر بۇ جايدا چەت ئەللىك سودىگەرلەر گىلەم، خۇرۇم
ۋە ئۆي جابدۇقلىرى سودىسى قىلىدۇ.
كابۇلدىكى بىر قەبرىستانلىق، بۇ بەلكىم ئافغانىستاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىمپىراتورى
زاھىر (Zahir) نىڭ قەبرىسى بولۇشى مۇمكىن.
كابۇل شەھىرى ئىچىدىكى رايونلار ئاساسلىقى بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرنى ئاساسى قىلغان
بولۇپ، كۆپ قەۋەتلىك ئىمارەتلەر ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ. بىراق يېقىندىن بۇيان
بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىق ۋەزىيىتى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئىقتىسادى تەرەققىيات
ئەھۋالى ناچار بولسىمۇ، ئەمما كابۇل شەھىرى ئىچىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا قۇرۇلۇش
قىلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېگىز بىنالارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، كابۇل شەھىرىدە زامانىۋى ئىمارەتلەر يوق دېيەرلىك،
ئۇندىن باشقا ئەنئەنىۋى، كونا بىنالار ئۇرۇش سەۋەبىدىن سۈرەتكە تارتىلماي قالدى،
بىر دۆلەتنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كابۇل شەھىرىنىڭ ئەھۋالى تولىمۇ خاراب.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved