ھەممىمىزگە مەلۇم قاغا ھەقىقەتەن كىشىنى بىزار قىلىدىغان قۇش. ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقىنى ئويناشقا مەپتۇن بولۇپ قالغان قاغا ئۆزىنىڭ تېنىدىن نەچچە ھەسسە يوغان بولغان ياۋايى ھايۋان بولسىمۇ ياكى كىچىك ئىتلار بولسىمۇ ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدۇ. لېكىن قاغىنىڭ بۇ قىلمىشىنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟
پە-تېخنىكا ئالىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، قاغىنىڭ بۇنداق قىلىشى پۈتۈنلەي ئوزۇقلىنىش ئۈچۈن ئەمەس بولۇپ، بەلكىم ئۆزىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن ۋە ياكى ئىچىدىكى باشقىلارنىڭ كەينىنى كوچىلىمىسا چىدىيالمايدىغان مىجەزىدىن بولسا كېرەك.
ئەگەر سىز مۇشۇ چاشقان بولۇپ قالسىڭىز يەنە كۈلەلەمسىز؟
يەنە كېلىپ توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن قاغا ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئەقلىي تەپەككۈرگە ئىگە قۇش. قاغىنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتى يۇقىرى، ئۇرۇشقاق، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا قۇشلار دۇنياسىدىكى كىچىك زومىگەر ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلار ئىزچىل قاغىنىنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىنىڭ چېكىنى ئۆلچەشكە تىرىشىپ كەلگەن. ئۇنى ھەر قېتىم ئۆلچىگىنىدە بارغانسېرى ئۇنىڭ ناھايىتى ئەقىللىق ھايۋان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماقتا. بۇ ھەقىقەتەن بىزگە نىسبەتەن سەل قورقۇنچلۇق ئەھۋال.
1.قاغا بىر كىشىنىڭ چىرايىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئېسىدە تۇتالايدىكەن، يەنە كېلىپ بۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى ئۆزىگە نېمە قىلغانلىقىنى ئەسلىيەلەيدىكەن.
تەجرىبىدە، پەن-تېخنىكا ئالىمى ئالدىن بىلەن يۈزىگە نىقاب تاقاپ 12 تال قاغىنى تۇتقان، كېيىن يەنە باشقا نىقابنى ئالماشتۇرۇپ قاغىلارغا يېمەكلىك بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن قاغىنىنىڭ چوڭ مېڭىسىنى سكاننېرلاش ئارقىلىق قاغىنىڭ ئۆزىنى تۇتقان چاغدىكى نىقابنى كىيگەن كىشى ئالدىدىن مېڭىپ ئۆتكەندە قورققانلىقىنى، ئۇنىڭغا يېمەكلىك بەرگەن چاغدىكى نىقابنى كىيگەن كىشى ئالدىدىن ئۆتكەندە بولسا كاللىسىدىكى مۇكاپاتلاشقا مەسئۇل بولغان رايوننىڭ جانلىقلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.
2.ئەگەر خەتەر بولسا ئۇلار بىر-بىرىگە خەۋەر قىلىدىكەن. توپلىشىپ ياشايدىغان ھايۋان بولۇش سۈپىتى بىلەن، قاغا 250 خىلدىن ئارتۇق ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئاۋازى چىقىرالايدىكەن ۋە بۇ ئاۋازلارغا تايىنىپ قانداق خەتەر بارلىقىنى ھەمراھلىرىغا بىلدۈرەلەيدىكەن.
3.قاغا ھەقىقەتەن ئۆمرۈدە بىرلا قېتىم «ئۆيلىنىدىغان» تۈزۈمدە ياشايدىغان قۇش. چېتىشىش ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزىنىڭ چەمبىرىكىدە چوڭ بىر تۇپراقنى بەلگىلەپ قويىدىكەن ۋە ئۆمۈر بويى مۇشۇ دائىرىنى قوغداپ ئۆتىدىكەن.
بۇ تۇپراقتا چوڭلار بالىلىرىنىڭ بالىلىرىنى بېقىپ بېرىدىكەن، يەنى خۇددى بىز ئىسانلاردىكى بوۋا-مومىلار نەۋرىلىرىنى باققاندەك بىر ئىش. قاغا بالىلىرى بولسا چوڭلارغا ياردەم قىلىپ يېمەكلىك تېپىپ كېلىدىكەن. قاغىلارنىڭ بۇ ئادىتى ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭكىگە چەكسىز يېقىنلاشقان. بۇنىڭغا ھەيران قالماي تۇرالمايسىز.
4.ئەگەر ئوخشاش تۈردىكىلىرى ئۆلۈپ قالسا قاغىلار ئۇنىڭ ئۈچۈن «دەپنە مۇراسىمى» ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. بىر توپ قاغا ئۆلگەن قاغىنىڭ يېنىغا توپلىشىپ تەزىيە بىلدۈرىدىكەن، بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقانداق تونۇشلۇقى بولمىسىمۇ، بىلگەن ھامان كېلىپ بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىپ كېتىدىكەن.
پەن-تېخنىكا ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، قاغا بولسا ئاز ئۇچرايدىغان «ئۆلۈمگە نىسبەتەن سېزىمى بولغان ھايۋان» بولۇپ، بۇ مۇراسىم ئارقىلىق قانداق قىلغاندا ئوخشاش بولغان خاتالىقنى سادىر قىلماي داۋاملىق ھايات قالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىدىكەن.
5.ئوزۇقلىنىشتا قاغا ھەقىقەتەن غايەت زور ئەقلىي قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرىدىكەن.
بۇنىڭغا مىساللار ناھايىتى كۆپ: ياپونىيەدە، قاغا قاتتىق پوستلۇق مېۋىنى چوڭ يولغا قويۇپ ماشىنىلار ئۆتۈپ مېۋىنى يانجىۋەتكەندىن كېيىن، يەنە تېخى قاتناش چىرىغىنى ساقلاپ تۇرۇپ پەسكە چۈشۈپ شۇ مېۋىنى يېگەن. قۇلۇلە تۈردىكىلەرنى يېمەكچى بولغاندا، قاغا ئۇلارنى ئېلىپ ئۇچۇپ ئېگىزگە چىقىۋېلىپ يەرگە تاشلىۋەتكەن ۋە قايتىپ چۈشۈپ چېقىلغان قۇلىلىلەرنى يېگەن. شىۋىتسىيەدىكى بېلىقچى بېلىق تۇتقاندا، قاغا ئۇنىڭ بېلىقتۇتۇۋاتقان يەردىن ئايرىلىشىنى ساقلاپ تۇرۇپ قارماقتىكى بېلىقنى ياكى يەمچۈكنى يەۋەتكەن.
6.قاغىنىڭ ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ، ھەتتا «پاختا كەمپۈت تەجرىبىسى» دىن ئۆتكەن: ئۇلار مەلۇم يېمەكلىكلەرنىڭ ئازدۇرۇشىنى رەت قىلالايدىكەن. بۇ تەجرىبە ئەسلىدە ئادەملەرگە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، لېكىن ئەينى چاغدا ئاران %30 تۆت ياشلىق بالا بۇ تەجرىبىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن.
بۇ ھەرىكەتچان رەسىممۇ قاغىنىڭ ئىنتايىن مۇكەممەل ھالدا ئۆتكەن سىناق تەجرىبىلىرىدىن بىرى: قاغا ئۇزۇن-قىسقىلى مۇۋاپىق بولغان ياغاچتىن پايدىلىنىپ يېمەكلىك تۇتۇشنى بىلىدىكەن.
7.قاغا يەنە ناھايىتى ئويۇنخۇمار بولۇپ، باشتا تىلغا ئالغان ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقىنى كوچىلاشتىن سىرت، يەنە قار تېيىلىشقىمۇ ناھايىتى ئۇستا ئىكەن.
8.نۇرغۇنلىغان ھېكايىلەردە قاغىنىڭ يىغىپ ساقلاش خۇمارى بار دېيىلگەن. ئۇلار پارقىراق نەرسىلەرنى ساقلاشنى ياقتۇرىدىكەن، ھەتتا بۇ نەرسىلەرنى ئۆزىنى باققان كىشىلەرگە سوۋغا سۈپىتىدە بېرىدىكەن.
توردا مۇنداق بىر ھېكايە قىزىق نۇقتا بولغان: بىر كىچىك قىزچاق ھويلىسىدا قاغىلارغا يەيدىغان نەرسىلەرنى تاشلاپ بەرگەن. بۇ ئىشنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ قاغىلار يېمەكلىكنى يەپ بولغاندىن كېيىنلا پارقىراق نەرسىلەرنى سوۋغا سۈپىتىدە تاشلاپ قويۇپ كەتكەن.
قاغا ناھايىتى ئاز ئەھۋاللاردا ئىنسانلار تۇرالغۇسىدىن بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يەردە كۆپىيىدىكەن. قاغىلار ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا كۆنگەن تۈر، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانلار بىلەن بىللە ياشاش ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بېسىمىنى ئازايتىدىغان بىر خىل ئۇسۇلكەن.
بەزى كىشىلەر شەھەردىكى قاغىلار كۈندۈزدە شەھەر ئەتراپىغا بېرىپ يېمەكلىك ئىزدەيدىكەن، كېچىدە شەھەرگە قايتىپ كېلىپ ئارام ئالىدىكەن، دېيىشمەكتە. بۇ قاغىلارغا نىسبەتەن بىر خىل پايدىغا يېقىنلىشىپ، زىيانكەشلىكتىن يىراقلىشىپ ياشاشتىن ئىبارەت. قاغىلارغا نىسبەتەن ئادەملەر بار يەردە يېمەكلىك بار، يەنە كېلىپ كۈشەندىلىرىمۇ ئازىيىدىكەن. دېمەك، شەھەر قاغىلار ئۈچۈن بىخەر بولغان ياشاش مۇھىتى. يۇقىرى ئەقلىي بۆلۈنمىسى ئۇلارنى تېخىمۇ ئاسان ئىنسانلار پائالىيەتلىرىگە ماسلاشتۇرىدىكەن ھەمدە مۇھىت ئۆزگىرىشىگىمۇ ئاسان كۆنەلەيدىكەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved