ئەگەر سىز ئاللىقاچان خىزمەت ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ بولغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى 10 خىل خاتالىقنىڭ يېرىمىنى سادىر قىلىپ بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
ئەگەر ھەر كۈنىدىكى سەككىز سائەتلىك خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن دېسىڭىز، خىزمەتنى باشلاشتىن بۇرۇنقى بىر نەچچە مىنۇت ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئەگەر سىز دەسلەپكى 10 مىنۇتتا تۆۋەندىكى 10 خىل خاتالىقنى سادىر قىلسىڭىز، قالغان ۋاقىتتا دىققىتىڭىزنى يىغىشىڭىز ئىنتايىن تەس بولىدۇ.
1. كېچىكىش
ئەگەر خىزمەتكە كېچىكىپ قالسىڭىز، باشلىنىشتىلا ئۆزىڭىزنىڭ بىر خىزمەت كۈنىنى ۋەيران قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. «خاففىڭتون پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوجايىنلار ئىشقا كېچىكىپ كەلگەن خىزمەتچىلەرگە ئانچە ئەستايىدىل بولمايدىغان بولۇپ، ئۇلارغا بولغان باھاسى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئامال بار ئىشخانىغا بالدۇرراق كېلىڭ.
2. خىزمەتداشلار بىلەن سالاملاشماسلىق
ئىشخانىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، خۇشال گەپ سۆزلەر بىلەن ئەتراپتىكىلەر بىلەن سالاملىشىڭ. «ئىشخانىڭىزدىكى زالىم پادىشاھنى كۆندۈرۈش: باشلىقنى قانداق باشقۇرۇش ۋە خىزمەتتە كۆزگە كۆرۈنۈش» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى، كەسىپ مۇتەخەسسىسى Lynn Taylor نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر سىز رەھبەر بولۇپ، خىزمەتچىلىرىڭىز بىلەن سالاملاشمىسىڭىز، سىزدە كەم بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىقتىدارى سىزنىڭ تېخنىكا ئىقتىدارىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. سىز دىرېكتور بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي خىزمەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇۋالسىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ نەزىرىدە سىز ئاسان يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان ئادەم بولۇپ قالىسىز.
3. قەھۋە ئىچىش
نۇرغۇن كىشىلەر ئىشخانىغا كىرىپلا قەھۋە ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەھۋە ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9:30 دىن كېيىن ئىكەن. چۈنكى، ئېنېرگىيەنى تەڭشەيدىغان ھورمۇن ھىدروكورتىزون سائەت 8 بىلەن 9 ئارىلىقىدا يۇقىرى پەللىگە يېتىدىغان بولۇپ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا قەھۋە ئىچسىڭىز، بەدەندىكى كوفېئىننىڭ تەسىرىدە، ھىدروكورتىزوننىڭ پەيدا بولۇشى ئازلاپ كېتىدىكەن. شۇڭا، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 دىن كېيىن، ئادەم تېنىدىكى ھىدروكورتىزون ئازلاشقا باشلىغاندا، قەھۋە ئىچسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن.
4. ھەر بىر ئېلخەتكە جاۋاب قايتۇرۇش
ئەگەر ھەر بىر ئېلخەتكە جاۋاب قايتۇرماقچى بولسىڭىز، كېچىدىن بېرى كەلگەن يوللانمىلارغا كۆمۈلۈپ كېتىسىز. «يۇمۇرنى خىزمىتىڭىزگە ئېلىپ كىرىڭ» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى، خەلقئارا سودا نۇتۇق سۆزلىگۈچىسى Michael Kerr نىڭ قارىشىچە، خىزمەتنى باشلاپ دەسلەپكى 10 مىنۇتتا، ئېلخەتلەرنى تېز سۈرئەتتە بىر كۆرۈپ چىقىپ، دەرىجىگە ئايرىپ چىققاندا، جىددىي جاۋاب قايتۇرمىسىمۇ بولىدىغان يوللانمىلارغا قارىتا پىلان تۈزگىلى بولىدىكەن. ئەگەر ھەر بىر يوللانمىغا بىر-بىرلەپ جاۋاب قايتۇرۇلسا، باشقىلار سىزنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەنگە تەڭ بولىدىكەن.
5. دەسلەپكى پىلان يوق تۇرۇپلا خىزمەتنى باشلاش
كەسىپ مۇتەخەسسىسى Lynn Taylor نىڭ ئېيتىشىچە، ئەستايىدىل خىزمەتنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزنىڭ بۈگۈنكى خىزمەت نىشانىڭىزغا قارىتا ئۇقۇم بولۇشى كېرەك. بۇ سىزنىڭ ئالدىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىز ۋە چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىزنى يېزىپ چىقىش ھەمدە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىن ياكى باشقا ئىشلارنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، بولمىسا، سىز ئەمدى خىزمەتنى باشلىغاندا يىغىن ئۇقتۇرۇشى كەلسە، ئىشىڭىزنى يېرىم يولدا توختىتىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.
6. ئاۋۋال ئاددىي ئىشنى قىلىش
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ ئېنېرگىيەسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاجىزلاپ بارىدۇ. مانا بۇ نېمە ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىشنى ئالدى بىلەن قىلىشنىڭ سەۋەبى.
7. كۆپ ۋەزىپىلىك مەشغۇلات قىلىش
ئەتىگەندە زېھنىڭىز ئېشىپ-تېشىپ تۇرغانلىقتىن، ئۆزىڭىزنى قانچە كۆپ ئىش بولسىمۇ بىرلا ۋاقىتتا قىلىۋېتەلەيدىغاندەك ھېس قىلىسىز. ھالبۇكى، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، كۆپ ۋەزىپىلىك مەشغۇلات قىلغاندا، ئاساسى ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تەسىر يېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر ۋاقىتتا بىرلا ئىشنى قىلىڭ. خىزمەتنى باشلىغان ئەڭ دەسلەپكى 10 مىنۇتتا، كۆڭۈل قويۇپ بىر ئىشنى قىلسىڭىز، سىزنىڭ ئاكتىپ پوزىتسىيىڭىزگە ياردىمى بولىدۇ.
8. پاسسىپ ئوي-خىياللارغا چۆكۈپ كېتىش
بەلكىم سىز خىزمەتكە كېلىش يولىدا ئالدىراش ئادەملەر تەرىپىدىن سوقۇۋېتىلگەن بولۇشىڭىز، ياكى ئالدىنقى كەچتە ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن تاكاللىشىپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇ كۆڭۈلسىز ئىشلار ئۈچۈن زېھنىڭىزنى چاچماي، پاسسىپ ئوي-خىياللارنى ئايرىم بىر «قۇتا»غا سېلىپ قويۇڭ. ئەگەر بەك زۆرۈر بولسا، كېيىنرەك تەپسىلىي ئويلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ.
9. يىغىن ئېچىش
ئەتىگەندە يىغىن ئېچىش بىلىش بايلىقىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولۇپ، «ئۇتۇق قازانغۇچىلار ناشتىدىن بۇرۇن نېمە ئىش قىلىدۇ» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى Laura Vanderkam نىڭ قارىشىچە، ئەتىگەنلىك ۋاقىتنى كۈچلۈك دىققەت ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىش كېرەك ئىكەن. ئەگەر خوجايىن ياكى خىزمەتچىلەر بىلەن چوقۇم دېيىشكە تېگىشلىك ئىش بولسا، بەك زېھىن تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولمىغان ئەھۋالدا، ۋاقىتنى ئامال بار ئېنېرگىيەنىڭ تۆۋەن مەزگىلى بولغان چۈشتىن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
10. دائىمىي تەرتىپكە رىئايە قىلماسلىق
ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئادەملەرنىڭ بىلىش بايلىقى چەكلىك بولۇپ، ئەگەر باشلىنىشتىلا ۋاقىتنى ئېلخەت ساندۇقىنى تەكشۈرۈش، قەھۋە ئىچىش قاتارلىقلارغا سەرپ قىلغاندا، ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان زېھنى كۈچ ئازلاپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ياخشى خىزمەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تەرتىپلىك ئىش قىلغاندا، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved