تاشلىنىپ قالغان مەكتەپ ماشىنىلىرى ئاممىۋى ھاجەتخانىغا ئايلىنىپ قالدى

جېجىياڭ ۋىن لىڭ شەھىرى شىچىڭ كوچا باشقارمىسىدا جى شىڭجۇاڭ دەپ ئاتىلىدىغان باشقا كەنتلەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق بىر كەنت بار، بىراق كەنتتە لىقلا قىلىپ توخىتىتپ قويۇلغان 52 دانە يېپيېڭى مەكتەپ ماشىنىسى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە توختىتىپ قويۇلغىنىغا بىر يىل بولاي دېدى.


ئەسلىي بۇنى ئەنخۇينىڭ تەيجۇدا تۇرۇشلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى 20 مىليون مەبلەغ سېتىۋالغان بولۇپ، ۋىن لىڭ شەھىرىدە خەلق ئىشلەمچىلىرى پەرزەنتلىرى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاپىرىپ-ئەكىلىش قىيىن بولۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىش، پايدا قوغلاشماسلىق مەقستىدە بىر مەكتەپ ماشىنىسى شىركىتى قۇرۇشىنى پىلانلىغان. بۇ ئەسلىي بىر ياخشى ئىش، بىراق بازار ئېھتىياجى يېتەرلىك بولمىغاچقا، بىر قىزغىن پىلان «مۇز چېلەك» كە چىلانغان. بۇ بىر تۈركۈم يىپيېڭى مەكتەپ ماشىنىسى كەنتتە تاشلىنىپ قالغىلى بىر يىل بولاي دېدى، ھەتتاكى بەزى تەرىتى قىستاپ كەتكەنلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىغان «ئاممىۋى ھاجەتخانا» غا ئايلىنىپ قالغان.


كەنت كادىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر ئۆكتەبىردە بىرقانچە خوجايىن سۈپەت كىشىلەر كەنت كومتېتىغا كېلىپ، بىر تۈركۈم يېڭى ماشىنلارنى كەنتتىكى بىكار يەرگە قويۇپ تۇرۇشىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئايدا 5000 يۈەن ماشىنا توختىتىش ھەققى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ماشىنىلار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئۇلار كەنتىكە ئىككى ئايلىق ماشىنا توختىتىش ھەققىنى بېرىپ كېتىپ قالغان. ئۇنىڭدىن كېينىكى ھەقلەرنى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېلىش مۇمكىن بولماي قالغان.


ئەنخۇي سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى خادىمىنىڭ دېيىشىچە، ئۆز ۋاقتىدا خەلق ئىشلەمچىلىرى پەرزەنتلىرى مەكتىپنىڭ مۇدىر ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ماشىنىسىنىڭ بالىلارنى ئاپىرىپ- ئەكېلىش ئىشىدا مەبلەغنىڭ جىق ھەم سودا پۇرسىتى بارلىقىنى، بولسا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەكتەپ ماشىنىسى شىركىتى قۇرۇش ئويىغا كەلگەن.

ماشىنىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋىن لىڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا بېرىپ بۇ ئويىنى ئېيتقاندا، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى بۇ ئىشنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەم قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، بولسا بىر ئىشەنچىلىك لايىھە تۈزۈشىنى ئېيتقان. سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىمۇ بۇ بىر ياخشى ئىش بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەتمۇ چوقۇم قوللايدۇ دەپ ئويلىغان. بىراق ئۇلار 20 مىليون خەجلەپ ماشىنىنى سېتىۋېلىپ بولغاندا، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ ئىلتىماسىنى تەسقىلاتقىلى بولمىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.


شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئايدا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىمۇ مائارىپ ئىدارىسىنى ئىزدىمىگەن، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇ مەكتەپ ماشىنلىرىنى سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ھەمدە كېينىكى قەدەمدە ماشىنلارنى قانداق ياردەم قىلىپ ماشىنلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا شۇ جايدىكى تارماقلار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.



خەتكۈچلەر:
29-08-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek