كىرزىس ئاگاھلاندۇرىشى: ئەڭ خەتەرلىك پەيتلەر تېزلا يېتىپ كېلىدۇ

       بۈگۈنكى كۈندىكى پاي بازىرى قارىماققا 2007-يىلىدىكى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش، «بارون ھەپتىلىك ژۇرنىلى» مۇشۇنداق يازدى.

2007-يىلى، ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى پات ئارىدا يېرىلدى، قىسقا مەزگىللىك ئۆسۈم نىسبىتى %5 كە يېقىنلاشتى. لېيمان ئاكا-ئىنى ۋە ۋاشىنگىتون ھەمكارلىق بانكىسىنىڭ كەسپى يەنىلا گۈللەنگەن ئىدى. ۋاقىت تېزلا 2015-يىلى يېتىپ كەلدى، نۆلگە يېقىنلاشقان ئۆسۈم نىسبىتى «دەلدەڭشىپ مېڭىۋاتقان» ئەمما ئاستا-ئاستا ئەسلىگە قايتىۋاتقان ئىقتىسادقا قايتا ھەممىلا يەردە مەۋجۇت بولغان جۇغراپىيەلىك ئىقتىسادى كىرزىس قوشتى، 2015-يىلىنى 2007-يىلى بىلەن سېلىشتۇرساق ئاسمان-زىمىن پەرق قىلىدۇ.

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن 2015-يىلىدىكى بىر قانچە تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچ 2007-يىلىدىكى بىلەن شۇنداق ئوخشاش؟

 

       كۆڭۈلدىكىدەك بولغىنى، تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچنىڭ ئىشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردىغانغا سەۋەب تەمىنلىشى زۆرۈر ئەمەس. تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچ بىزگە پاي بازىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا ۋاقتىنچە توختاشنى ئېيتىدۇ.

بىز بىر پارچە ئاددى بولغان ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك سۈرىتىدىن باشلايلى. 2009-يىلى ئىتتىك بازارنىڭ ئۇچ نۇقتىسىدا پەيدا بولغان مۇقىم يۈزلىنىش سىزىقى بۈگۈنكى كۈندە ئاللىقاچان ئۈزۈلدى (سۈرەت1گە قاراڭ). بىز يۈزلىنىش سىزىقىنىڭ ئورنى ۋە سىزىقلىق ۋە لوگارىفىما شىكالىسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى مۇلاھىزە قىلساق بولىدۇ، ئەمما 1-سۈرەتتە پەيدا بولغىنى لوگارىفىما شىكالا سۈرىتىنىڭ قارىماققا دەرۋەقە ئىتتىك بازارنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ئۇ 2011-يىلى ۋە 2014-يىلىدىكى تەڭشىلىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، شۇ سەۋەبتىن بىر تال توغرا شەكىللەنگەن يۈزلىنىش سىزىقى.

ئاشۇ ئىشەنمەيدىغان كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بىز سىزىقلىق شىكالا سۈرىتىنىڭ ئۈستىدىن 2011-يىلىدىكى پاي بازىرىنىڭ تۆۋەن نۇقتىسىدىن باشلاپ بىر تال يۈزلىنىش سىزىقى سىزدۇق (بۇ يەر كۆرۈنمىگەن)، بۇ سىزىقلىق شىكالىدىكى يۈزلىنىش سىزىقىمۇ ئوخشاشلا ئۈزۈلگەن.

سىزنىڭ دىققەت قىلىشىڭىزغا تېگىشلىك بولغىنى، MACD  تەكشى پەرقلىق كۆچمە ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ پاي يۈزلىنىش كۆرسەتكۈچى 2007-يىلىدىكى پاي بازىرى يۇقىرى دولقۇنىدىن كېيىن كېسىشىش پەيدا بولغان (1999-يىلىمۇ مۇشۇنداق بولغان). بۇ يىللىق تەكشى پەرقلىق كۆچمە ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ كېسىشىشىمۇ 6-ئايدا كۆرۈلگەن، يەنى ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆسۈپ بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن كۆرۈلگەن.

بۇ پاي بازىرىنىڭ قىسقا مەزگىللىك يۈزلىنىش سىزىقىنىڭ تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقى، يەنى ئۇزۇن مۇددەتلىك يۈزلىنىش سىزىقىنىڭ يەنىلا ئۆسىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ كېسىشىش بولسا پاي بازىرىدا چېكىنىش كۆرۈلگەنلىكنىڭ ئالامىتى، ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆسۈشتىن كېيىن، بۇ كېسىشىش مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چوقۇم ئېھتىيات قىلىش پوزىتسىيەسى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

يەنە بىر تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچ بولسا ئېنىرگىيە دولقۇنى ياكى جۇغلانما سودا مىقدارى كۆرسەتكۈچى دېيىلىدۇ. پاي بازىرىدا يۇقىرى دولقۇندىن كېيىن، بۇ كۆرسەتكۈچتىمۇ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. SPDR ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى ھاۋالە سودا بىرژىسى فوندىغا ئالماشساق، سىز ناھايىتى ئېنىقلا بۇ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچنىڭ بۇ يىل ئىزچىل تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز، يەنى ئەڭ يېقىندا باھادا قاڭقىش پەيدا بولغان.

ئېنىرگىيە دولقۇنى كۆرسەتكۈچى داۋاملىق خاتىرلەيدىغىنى بولسا پاي بازىرى ئۆسۈش كۈنىدىكى ئالماشقان سودا مىقدارىدىن تۆۋەنلەش كۈنىدىكى ئالماشقان سودا مىقدارىنى ئېلىۋېتىش. ئېنىرگىيە دولقۇنى كۆرسەتكۈچىنىڭ نەزەرىيەسى بولسا، ناۋادا پاي بازىرىدا ئىتتىك بازار يىتەكچى ئورۇندا بولسا ئۇنداقتا پاي بازىرىدا ئۆسۈش پەيدا بولغاندا، بۇ كۆرسەتكۈچ تېخىمۇ جانلىقلىشىدۇ، كۈچلۈك ئېھتىياج ۋە كاپىتالنىڭ پاي بازىرىغا ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كۆپ قىسىم ۋاقىتتا، باھا ۋە ئېنىرگىيە مىقدارى دولقۇنى كۆرسەتكۈچى بىردەكلىكنى ساقلايدۇ، ئەمما ئىككىسى ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولغاندا، بىز مۇنداق بىر خىل ئالامەتكە ئېرىشىمىز، يەنى باھا يۈزلىنىشى ئۇ كۆرۈنگەندەك ئۇنداق بولمايدۇ. باشقىچە ئېيىتقاندا، سودا بىرژىسىدىكى سودا فوندى ۋەكىللىك قىلىدىغان بازار ئېھتىياجىنىڭ ئاللىقاچان ئىنتايىن ئاجىزلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندىكى بازار كەڭلىكىدىمۇ 2007-يىلىدىكى بىلەن ئوخشاش ئورۇن پەيدا بولدى. ئۆتكەن بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە، بىز ماقالىمىزدە كىچىك بازار قىممىتىدىكى پايدا قايتا قاڭقىش كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بازار قىممىتى ۋەزنىدىن ئۆزگەرتىپ يېزىلغان سۈرەتتىكى ئۆلچەملىك پور500 كۆرسەتكۈچىدە، بۇ نۇقتىغا دائىم سەل قارالغان. بۇ بىر قىسىم چوڭ بازار قىممىتىدىكى پاي «بازىرى» نىڭ قارىماققا يەنىلا يامانە ئەمەسلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ.

مەسلەن Alphabet (گۇگېلنىڭ ئانا شىركىتى) نىڭ پاي باھاسى بۇ يىل ھازىرغا قەدەر %40 ئۆستى، Home Depot نىڭ %27 دىن يۇقىرى ئۆستى، ئامازوننىڭ پاي باھاسى بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئۆستى. 11 ئايلىق سودىدىن كېيىن، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى كاساتچىلىققا كىردى، سىز بۇ چوڭ بازار قىممىتىدىكى پاي  بىلەن ئۆلچەملىك پورنىڭ ئومۇمى گەۋدىسىنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.

ئەنئەنىۋى بازا كەڭلىكى سانلىق مەلۇماتىدا، بۇ نۇقتا ئېنىق گەۋدىلەنگەن. MKM Partners شىركىتىنىڭ باش بازار ئانالىزچىسى جوناتان كرىنسكى يېقىندىكى بىر پارچە باھالاشتا مۇنداق يازغان: بىز ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچىنىڭ 52 ھەپتىدىكى يۇقىرى نۇقتىسى %2 لىك دائىرىدە تۇرغان ۋاقىتتا يەنىلا %5 كە يېقىن پاينىڭ 200 كۈنلۈك كۆچمە ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ يۇقىرىدا تۇرغانلىقىنى ناھايىتى ئاز كۆرىمىز، بۇ خىل ئەھۋال يۈز بەرگەن ۋاقىت پەقەت بىرقانچە قېتىم، 1998-2000-يىلى، 2007-يىلى 10-ئاي، بۇ يىل 7-\\8-ئاي.



بۈگۈنكى كۈندە، «بازار» يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشقاندا، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچىدىكى يېرىم پاينىڭ سودىسى ئۇلارنىڭ كۆچمە ئوتتۇرچە سىزىقىنىڭ تۆۋەن نۇقتىسىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ مىقدارلاشقان ھالدا بازارنىڭ كەڭلىكىنىڭ ئاللىقاچان ئىنتايىن تارايغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بەردى. تارىخ بولسا ئەينەك، بۇنداق ئەھۋالنىڭ پەيدا بولىشى پاي بازىرىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئەلۋەتتە، بۇنداق ئەھۋال بەلكىم بىر قانچە ھەپتە داۋاملىشىشى مۇمكىن، شۇ سەۋەبتىن بىز پاي بازىرى ئەتە ياكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ۋەيران بولىدۇ دەپ ئېيتالمايمىز. ئەمما گېنىراللار ئۇرۇشقا ئاتلانغان، لېكىن قوشۇن يىتىشەلمىگەن ۋاقىتتا بۇ ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەسلىكى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
03-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
Powered by Leglek