جۇڭگو تېببىي ئىلىم ئاكادېمىيىسى، جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ۋە كامبىرىچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى:« 2010-يىلى جۇڭگودا تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم بىر مىليوندىن ئاشتى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەرلەر. ناۋادا كەڭ كۆلەمدە تاماكا چەكلەش تەدبىرى قوللىنىلمىسا، جۇڭگودىكى ياشلارنىڭ ئۈچتىن بىرى چوقۇم تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ».
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:« جۇڭگودا ھەر ئۈچ ئادەمنىڭ ئىككىسى 20 ياشتىن بۇرۇن تاماكىغا خۇمار بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار ۋاقتىدا تاماكا تاشلىمىسا، ناچار ئادەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ. ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان بايقاش شۇكى، ناۋادا بەڭگىلەر تاماكا سەۋەبلىك ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن بۇرۇن تاماكا تاشلىسا، ئون يىل ئىچىدە تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئاجىزلاپ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىگە تەڭلىشىپ قالىدىكەن».
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved