ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، غەززە، 27- ئىيۇل تېلېگراممىسى: «خاماس» دەسلەپتە ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، 27- ئىيۇل ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە 24 سائەت ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلدى. 
«خاماس» نىڭ باياناتچىسى سەمى ئەبۇ زۇھرى مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى شۇ جاي ۋاقتى 27- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە كۈچكە ئىگە بولىدۇ».
ئىسرائىلىيە 26- ئىيۇل كەچتە 24 سائەت ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ «خاماس» بۇنى رەت قىلغان ھەمدە ئىسرائىلىيەگە راكېتا قويۇپ بەرگەن. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ قايتۇرما زەربە بېرىپ، غەززەدىكى ھەرىكىتىنى قايتىدىن باشلىغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى پېتىر لېرنېر ئىسرائىلىيەنىڭ «خاماس» تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا ئۇرۇش توختىتىدىغان - توختاتمايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلمىغان. بىراق ئۇ ئسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ «خاماس» نىڭ ھەربىي ئىشلار لەخمىسىنى داۋاملىق ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم 20 كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇش 1050 تىن كۆپرەك پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پۇقرالار؛ ئىسرائىلىيەنىڭ 43 ئەسكىرى قازا قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى پۇقرا ۋە تايلاندلىق بىر ئىشچى غەززەدىن ئېتىلغان مىناميوت ئوقىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى».
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇنىڭدىن بۇرۇن يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيەگە ئون نەچچە قېتىم راكېتا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى شۇڭا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھاۋا، دېڭىز ۋە يەر يۈزىدىكى ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «خاماس» يەنە بىر قېتىم غەززەلىكلەرنى ئادەم قالقان ئورنىدا ئىشلەتكەن.
ھېيتتا ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلاشتىن بۇرۇن «خاماس» نىڭ باياناتچىسى سەمى ئەبۇ زۇھرى مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىن چېكىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، سان - ساناقسىز مۇساپىرلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا چوقۇم رۇخسەت بېرىلىشى كېرەك». ئۇنىڭ مۇخبىرلارغا بەرگەن ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىكەن.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزارتىشتىكى شەرتى شۇكى، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززەدە بايقالغان 30 دىن ئارتۇق لەخمىنى داۋاملىق ۋەيران قىلىدىكەن.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، غەززە 27- ئىيۇل تېلېگراممىسى: «خاماس» 27- ئىيۇل غەززە رايونىدا ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى دىپلوماتىك تەشەببۇسنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار كېچىككەنىدى. چۈنكى ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋەيران قىلىش خاراكتېرىدىكى ھۇجۇمنى قايتىدىن باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ زۇڭلىسى نېتانىياخۇ ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات خەلقئارا شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «<خاماس> ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ».
گرىنۋېچ ۋاقتى سائەت 12:00 دە «خاماس» يەنىلا مىناميوت بىلەن ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قوزغىغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى گرىنۋېچ ۋاقتى سائەت 11:00 دىن كېيىنمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ يەنە ئالتە قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيەدىكى N-TV تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ 27- ئىيۇل خەۋىرى: «خاماس» ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى 27- ئىيۇل كەچكىچە ئۇزارتىش قەدىمىگە ماسلاشمىدى. ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك ئىچكى كابىنېتى بۇنىڭدىن بۇرۇن غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە 24 سائەتكە ئۇزارتىشنى تەستىقلىغانىدى. بۇ ئۇلارنىڭ ب د ت ئوتتۇرىغا قويغان ئۇرۇش توختىتىش تەشەببۇسىغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئىدى.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، تېل ئاۋىۋ، 26- ئىيۇل تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، «خاماس» ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزارتىشنى رەت قىلىپ، راكېتا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان.



خەتكۈچلەر:
30-07-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek