ھىندىنوزىيە تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگولۇق ئايال پۇقرانىڭ ھىندىنوزىيەنىڭ جاكارتا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئامانلىقنى ساقلىغۇچى خادىمى تەرىپىدىن باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇچرىغانلىقىنى توغرىسىدىكى خەۋەرگە قارىتا، جۇڭگونىڭ ھىندىنوزىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچخانىسىنىڭ كونسۇل ئىشلىرى مەسئۇلى 28-دېكابىر مۇنداق دېدى: ئەلچىخانا ۋاقتىدا دەۋاگەر ئۈچۈن كونسۇل مۇھاپىزىتى بىلەن تەمىنلىدى ۋە ياردەم بەردى، ھەمدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يەرلىك ساقچى دائىرىلىرىگە بېرىپ دېلونى مەلۇم قىلدى.
دەۋاگەر ساقچى تەرەپنىڭ بۇ دېلونى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھىندىنوزىيەدە قېپقېلىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلماي، دېلونى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتتى، باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شۇ يەردىكى ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە بۇ دېلوغا چېتىشلىق ئىككى مۇھاپىزەت ئەترىتىدىكى گۇماندارنى بېكىتكەن، بىراق ئۇلارنى قولغا ئالمىغان. بۇ ئىككى مۇھاپىزەتچى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىنكەن، ئۇلار شىكايەت قىلىنىدىغان بولسا 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved