چىيەنلۇڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسىئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ كۈنى تېلېفۇندا فىرانسىيەنىڭ \قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا\ ئۇچرىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ فىرانسىيە بىلەن بىردەك ئىتتىپاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ فرانسىيىنىڭ تېررورچىلار ۋە ئۇلارنىڭ شېرىكلىرىنى بېكىتىشى ۋە قوغلاپ تۇتۇشى داۋامىدا ئامېرىكىنىڭ زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاق ساراي ئېلان قىلغان باياناتتا فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندنىڭ ئوبامانىڭ مەدەت بەرگەنلىكىگە رەخمەت ئېيتقانلىقى ھەمدە فرانسىيەنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە تېررورچىلارنى قوغلاپ تۇتۇش ئەھۋالىنى ئۇختۇرغانلىقى، فرانسىيىنىڭ بەختسىزلىككە دۈچ كەلگەندە \ھەرگىز توخۇ يۇرەكلىك قىلمايدىغانلىقى\نى تەكىتلىگەنلىكى ئېيتىلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 7-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، يۈزىنى نىقاپلىۋالغان ئۈچ قوراللىق ئۇنسۇر قولىغا ئاپتومات ۋە گراناتاميوت ئېلىپ «چارلىي ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ باش شىتابىغا ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا 12كىشى قازا قىلىپ،نۇرغۇن كىشى يارىلاندى. ساقچىلار ھازىر ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنى بېكىتتى ۋە ئىككى جىنايەت گۇماندارىنىڭ رەسىمىنى تارقىتىپ، ئاممىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە سەپەرۋەر قىلدى. ئۈچ جىنايەت گۇماندارى ئىچىدە ئەڭ ياش بىرسى ئىجتىمائىي ئالاق ەتورىدا ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ ئاتالغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ساقچىلارغا ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. قالغان ئىككى جىنايەت گۇماندارى تېخى تۇتۇلمىدى، لېكىن ساقچىلار ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇنۇپ تۇرغان جايىغا يېقىنلىشىپ قالدى.
روسىيە تاراتقۇسىنىڭ 7-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا كېرمىل سارىيىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يېقىندا روسىيە پرىزدېنتى پۇتىننىڭ پارىژدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا فرانسىيە پىرزدېنتى ھوللاندقا چوڭقۇر ھېسىداشلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر ۋاقىت جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەر بىلەن بىرلىكتە تېرورىزىمغا قارشى كۆرەش ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيىتقان. كېرمىل سارىيىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى مۇنداق بىلدۈرگەن: «روسىيە باشلىقلىرى تېرورچى ئۇنسۇرلارنىڭ نۇمۇسسىز قىلمىشىنى غەزەپ بىلەن سۆكىدۇ ھەمدە ھەر ۋاقىت جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەر بىلەن بىرلىكتە تېرورىزىمغا قارشى كۆرەش ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.» ئۇنىڭدىن باشقا پۇتىن يەنە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېرورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
شۇ يەر ۋاقتى 7-يانىۋار فرانسىيە «شارل ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ پارىژدىكى باش شىتابى نامسىز ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 12 ئادەم قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپىرى ساقچى. ئىگىلەنگەن دەسلەپكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئىككى نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچى ۋەقە سادىر قىلغان نەق مەيداندىن ئوڭۇشلۇق قېچىپ كەتكەن. بۇ ۋەقە فرانسىيەنىڭ پايتەخت رايونىغا جايلاشقان فرانسې ئارىلىدا يۈز بەرگەن، شۇڭا مەزكۇر رايون پۈتۈن دائىرە بويىچە ئەڭ يۇقىرى تېرورىزىم ھوشيارلىق ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved