شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان سەھىپە
1. يالغۇزلۇققا چىداش
ئادەم نەتىجە قازىنىشنى ئويلايدىكەن چوقۇم يالغۇزلۇققا چىداش كېرەك، بۇلۇپمۇ ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا باشقىلار ئارام ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا سىز توختىماي ئىشلەيسىز، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ھەمرا بولالمايسىز،نۇرغۇن ئائىلە ۋە دوست يىغىلىشلىرىدىن مەھرۇم قالىسىز. بۇنداق ۋاقىتتا ئادەم تولىمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، بىراق مۇشۇنداق ۋاقىتتا بەرداشلىق بىرىپ داۋاملىق تىرىشقانلارلا نەتىجىگە ئىرىشەلەيدۇ.
2. ئازاپقا بەرداشلىق بىرىش
كىشىلىك ھايات ئەگرى-توقاي بۇلىدۇ، كۈتۈلمىگەن كىلىشمەسلىك ۋە ئازاپلارغا دۇچار بۇلىدۇ، بۇنىڭدا ئىككى خىل نەتىجە يۈز بىرىدۇ: بىرى بەرداشلىق بىرەلمەي مەغلۇپ بۇلۇش، يەنە بىرى بەرداشلىق بىرىپ تېخىمۇ قەيسەر بۇلۇش. نەتىجە قازىنىدىغانلار بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا قەيسەرلىك بىلەن بەرداشلىق بىرەلەيدۇ.
3. بېسىمغا بەرداشلىق بىرىش
بېسىم ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ ئاددى ساۋاتنى بىلىدۇ، بىراق نۇرغۇن كىشىلەر بېسىمغا يۇلۇقسا ئامال بار ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ۋاز كىچىشنى ئويلايدۇ. بىز پەقەت بېسىمغا يۈزلەنسەكلا تەرەققى قىلىش ۋە نەتىجە قازىنىششتا ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بۇلالايمىز.
4. تەجرىبىنى يەكۈنلەش
ھەر بىر مەغلۇبىيەت، ئەجىر بىزگە تەجرىبە بىرىدۇ، بىزنىڭ تەرەققىيات يولىمىز ئەگرى-توقاي بۇلىدۇ، ھەر بىر يىقىلغاندا بىز چوقۇم يىقىلىش سەۋەبىمىزنى تېپىپ چىقىپ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ مېڭىشىمىز كېرەك.
5. زەربىگە بەرداشلىق بىرىش
باشقىلارغا يۈزلەنگەندە بىز ھەرخىل نەتىجىگە ئىرىشىمىز، بەزىلەردىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەربىگە ئۇچراپ قالىمىز، سىز مۇشۇنداق ۋاقىتتا توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، دەسلەپكى نىشانىڭىزدا چىڭ تۇرالامسىز؟ بىز چوقۇم قانداق پوزىتسىيەنى ساقلاشنى بىلىشىمىز كېرەك.
6. يۈزى چۈشۈشتىن قورقماسلىق
يۈزنى ئۆز ئۆزىمىزگە بىرەلەيمىز، ھەرگىزمۇ باشقىلار بىزگە بەرمەيدۇ، يۈزى چۈشۈشتىن قورسا بىر ئۆمۈر يۈزىنى تۆكىۋىلىشى مۇمكىن، مەغلۇبىيەتتىن قورقسا بىر ئۆمۈر مەغلۇبىيەت ئىچىدە ياشىشى مۇمكىن. شۇڭا بەزىدە مۇشۇنداق مۇھىتقا تەۋەككۇلچىلىك قىلىش كېرەك.
7. مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش
«مەسئۇلىيەت» دىگەن بۇ سۆزنى ئادەتتە ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ تۇرىمىز. مەسئۇلىيەت ئۈچكە بۆلىنىدۇ: ئائىلە مەسئۇلىيىتى، خىزمەت مەسئۇلىيىتى، جەمىيەت مەسئۇلىيىتى. ھەرقانداق ئادەم ئوخشاش بولمىغان شارائىتتا ئوخشاش بولمىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
8. روھلۇق بۇلۇش
بىز ئارقا-ئارقىدىن نەچچە كۈن ئىشلىگەندە بىرخىل روھسىز بۇلۇپ قالىمىز،بىز نىشانىمىزنى ئىشقا ئاۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كەيپىياتىمىزنى تەڭشەپ روھلۇق تۇرىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved