CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋەن نۇقتىغىچە چۈشۈپ كەتتى.
ب د ت ئاشلىق تەشكىلاتى (FAO) بۇ يىل 1-ئايلىق ئوتتۇرچە يىمەكلىك باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ 150.4 نۇقتا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 چۈشكەن بولۇپ، بۇ كۆرسەتكۈچ 2009-يىلى 4-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەنى ياراتقان.
يىمەكلىك باھا كۆرسەتكۈچى ئاساسلىقى دانلىق زىرائەت، كۆكتاي، سۈت مەھسۇلاتى، گۆش تۈرى ۋە شىكەر بۇ بەش تۈرلۈك ئاساسلىق مىقدارلاشقان تاۋار باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق خەلقئارا بازار باھاسىنى ئانالىز قىلىدۇ، بۇ كۆرسەتكۈچ سودا ۋەزنى بويىھە ھېسابلىنىدۇ، ھەر ئايدا بىر قېتىم يېڭىلىنىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، 1-ئايلىق شىكەر باھاسى كۆرسەتكۈچى ھالقىما نىسبىتى %4.1 تۆەنلەپ بەش تۈر ئىچىدە ئەڭ چوڭ چۈشۈش رېكورتى يارىتىش بىلەن بىرگە يەنە تۆت ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چۈشكەن. FAO دۇنيادىكى ئاساسلىق شىكەر ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت ۋە ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەت برازىلىيەنىڭ مول ھوسۇل ئېلىش ئەھۋالى ياخشىلانغانلىقتىن بۇ كۆرسەتكۈچ تۆۋەنلىدى دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئىككىنچىسى سۈت مەھسۇلاتى كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بۇ كۆرسەتكۈچنىڭ ھالقىما نىسبىتى %3 تۆۋەنلىگەن، FAO ياۋروپا ئىتتىاپقى ۋە يېڭى زىنلاندىيەنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارى چوڭ ۋە دۇنيانىڭ ئېمپورت ئېھتىياجى چېكىنگەنلىكتىن تۆۋەنلەش كېلىپ چىقتى دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
![]() |
ئىسمى:MACA
تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى
مىقدارى:100تال
ساقلاش مۇددىتى:36ئاي
ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە
مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى :
مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved