شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن كۆرۈشتى

      دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-يانۋار كەچ قاھىرەدىكى ئابىدىن سارىيىدا مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن كۆرۈشتى.شى جىنپىڭ يېتىپ بارغاندا، سىسى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئابىدىن سارىيىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  كەچتىكى ھەشەمەتلىك ئابىدىن سارىيىنىڭ چىراغلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى. شى جىنپىڭ سىسى بىلەن ماڭغاچ پاراڭلىشىپ، جۇڭگو-مىسىرنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى بايان قىلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدە بەھۇزۇر پاراڭلاشتى.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن مىسىرنى دېڭىز-ئوكيان ئايرىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلاردىن. 60 يىل بۇرۇن، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى يىراققا نەزەر سېلىپ، جۇڭگو-مىسىرنىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى باشلىغانىدى، ھەم يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە دەرۋازىسىنى ئاچقانىدى. 60 يىلدىن بۇيان، بىز بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، قوللاپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق. بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ قانداق يولنى تاللاپ مېڭىشى، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رېئاللىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭا شۇ دۆلەتنىڭ خەلقى مۇستەقىل ئىزدىنىشى، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو مىسىرنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى تىرىشچانلىقىنى، مىسىرنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، مىسىر بىلەن بىرلىكتە ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق يېڭىش ئاساسىدا، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىشنى تېزلىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن مىسىر ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
22-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek