ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى 9-ئىيۇن ھىندىستان پارلامېنتى ئىككى پالاتاسىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا، ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت پىروگراممىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ-ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ سايلام رىقابىتى پىروگراممىسىدىكى بارلىق مەزمۇننى ئاساسەن ئۆز ئىچىگە ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يادرولۇق مەزمۇن بولدى. بۇ يېڭى ھاكىمىيەت پىروگراممىسى-ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك، دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە قاتارلىق ئون نەچچە ساھەگە چېتىلىدۇ.
يېڭى ھۆكۈمەت مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۇل پاخاللىقىنى توسۇش-ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى نۇقتىلىق كۆپەيتىدۇ شۇنداقلا يېڭى ھۆكۈمەت يەنە ئاشكارا، ئادىل، كۆزلىگىلى بولىدىغان سىياسەت مۇھىتى يارىتىپ، باج تۈزۈمىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ۋەدە بېرىدۇ؛ يېڭى ھۆكۈمەت يەنە ئەمگەك زىچ توپلاشقان ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنى يارىتىپ، دۇنياۋى مەبلەغ سېلىش ۋە سانائەت رايونى قۇرۇپ، تىرانسپورت ۋە سانائەت كارىدورى بەرپا قىلىپ، ھىندىستاننى رىقابەت كۈچىگە ئىگە ياسىمىچىلىق مەركىزىگە ئايلاندۇرىدۇ؛ ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتى يەنە ھەر تەرەپكە تۇتاشقان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى پىروگراممىنىڭ نىشانى-2022-يىلى ھىندىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 75 يىللىقى بولغان مەزگىلدە، ھەر بىر ئائىلىنى ئۆز ئۆيىگە شۇنداقلا سۇ، توك، ھاجەتخانىغا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.
ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش-يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئىشلارنى يولغا قويۇشىدىكى مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، نۆۋەتتىكى ھىندىستاننىڭ كەسكىن ئىقتىسادىي رېئاللىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ھىندىستان خەلق پارتىيەسى بۇ قېتىمقى ھىندىستان پارلامېنت سايلىمىدا يېرىمدىن ئارتۇق ئورۇنغا ئېرىشىپ، 25 يىلدىن بۇيان ھىندىستاندا تۇنجى قېتىم ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان پارتىيەگە ئايلاندى، بۇنىڭدىكى بىر قىسىم مۇھىم مەزمۇن-ئاممىنىڭ تۇرمۇشنى ياخشىلاش ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىش بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى زۇڭلى مودىنىڭ ئۆز سېھرىي كۈچىدىن باشقا، ئاممىنىڭ سابىق ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىمۇ خەلق پارتىيەسىنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2012-، 2013-مالىيە يىلىدا %4.5 كە چۈشۈپ قالدى. 2013-يىلى 2-ئايدىن 8-ئايغىچە، ھىندىستان رۇپىيەسىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ، %20 تىن ئېشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل پاخاللىقى ئېغىرلىشىپ، ھىندىستان ئىقتىسادىدىكى قىزىل رەقەم ئاشتى. ھىندىستان كونگرېسلار پارتىيەسى باشچىلىقىدىكى تەرەققىيات ئىتتىپاقى ئىقتىسادنىڭ يامانلىشىشىغا ئامال تاپالماي، ئاخىرىدا تەختتىن چۈشتى.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى 5-ئايدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 4-ئايدا ھىندىستان ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى %8.59 كە يېتىپ، ئۈچ ئايدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى بولغان؛ 2013-، 2014-مالىيە يىلىدا ھىندىستان ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %4.7 بولۇپ، ئۇدا ئىككى يىل %5 تىن تۆۋەن بولغان. ھىندىستان يېڭى دېھلى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىمى سابياساكى كال 10-ئىيۇن نەشىردىن چىققان «ھىندى مۇرىتلىرى گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش بىلەن پۇل پاخاللىقىنى توسۇش-ھىندىستان خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە قويغان باش ۋەزىپىسى دېدى. كال يەنە بۇ نىشاننى دەرھال ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭدا بىر مەزگىل ئارقىلىق، يۇقىرى سۈرئەت، سىجىل تەرەققىياتقا ئېھتىياجلىق بولغان تۈزۈم خاراكتېرلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ دەپ تەكىتلىدى. بەزىلەر يەنە مودى يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۈنۈم بېرىشى تەس، ئەگەر مودى كېيىن داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىيەلىسە ھەم بۇ سىياسەتلەرنى داۋاملىق يولغا قويالىسا، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ دەپ قارىدى.
بىراق، ھىندىستان مەركىزىي بانكىسى نۆۋەتتە يولغا قويغان ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتى ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. رۇپىيەنىڭ پاخاللىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ھىندىستان مەركىزىي بانكىسى بۇلتۇر ئۆسۈم نىسبىتىنى كۆپ قېتىم ئۆستۈردى، ئاخىرىدا %8 كە تەڭشىدى. ھىندىستان مەركىزىي بانكىسى 6-ئاينىڭ بېشىدا %8 لىك تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى شۇنداقلا بانكا پۇل ئامانەت زاپاس مەبلەغ نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى جاكارلىدى. ھىندىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشلىقى راجان مەركىزىي بانكا 2015-يىلى 1-ئايغىچە پۇل پاخاللىق نىسبىتىنى %8 كە، 2016-يىلى 1-ئايغىچە %6 كە چۈشۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ دېدى. يۇقىرى ئۆسۈم سىياسىتى گەرچە بەلگىلىك دەرىجىدە رۇپىيەنىڭ پاخاللىشىشى، پۇل پاخاللىقىنىڭ يامانلىشىشىنى توسقان بولسىمۇ، لېكىن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزدى، بۇندىن بۇرۇن نۇرغۇن كارخانىلار ھىندىستان مەركىزىي بانكىسىنىڭ قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بەك يۇقىرىلىقىدىن ئاغرىنغان ئىدى. ئىقتىسادنى قانداق گۈللەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە پۇل پاخاللىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش-مودى يېڭى ھۆكۈمىتى دۇچ كەلگەن قول تۇتىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى.
ھىندىستاندا دۆلەت ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش ئازىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەتئەل مەبلىغى-ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى قوزغىتىشتىكى مۇھىم تىرىكى بولىدۇ. ھىندىستان مەتبۇئات تىرىستىنىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2013-، 2014-مالىيە يىلىدا، ھىندىستان چەتئەللەرنىڭ 24 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق بىۋاسىتە مەبلىغىنى قوبۇل قىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشۇرغان. ھىندىستان 2017-يىلى 3-ئايغىچە، بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئايرودۇرۇم، پورت، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىشكە موھتاج، ئىقتىسادنى قوزغىتىپ، چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغىنى جەلپ قىلىش-بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.
ئەمەلىيەتتە، مودى ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن گۇجارات ئىشتاتى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ياخشى بولغانلىقتىن چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلغان ئىدى. ھىندىستان خەلق پارتىيەسى رىقابەت مەزگىلىدە، چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغىنى داڭلىق ماركىلارنى پارچە سېتىشتىن باشقا ساھەلەرنى ئېچىشقا ئىشلىتىش شۇنداقلا چەتئەللەر سالغان مەبلەغنىڭ پېيىنى تىزگىنلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى 9-ئىيۇن يىغىندا ھىندىستان چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك مەبلەغلەرگە داۋاملىق ئىلھام بېرىدۇ دېدى.
ھالبۇكى، ھىندىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش تەدبىرى ھىندىستاندا يەنىلا كۈچلۈك توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بۇندىن باشقا، ھىندىستان خەلق پارتىيەسى ھىندىستان خەلق پالاتاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھىندىستان كونگېرىسلار پارتىيەسى ھىندىستان فېدېراتسىيە پالاتاسىدا يەنىلا ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ھىندىستان كونگرېسلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سونىيە گەندى يېقىندا ھىندىستان فېدېراتسىيە پالاتاسى كۈچلۈك ئۆكتىچى پارتىيەلىك رولىنى ئوينايدۇ، جۈملىدىن چەتئەل مەبلىغى ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئىسلاھاتلار مۇقەررەر ھالدا توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ دېدى.
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved