بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .خەتەرگە جەڭ ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكنى زىل زىلگە سېلىشنى كۆزلەيدۇ.ئاددىي ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بۇنداق ئۆزگىچە يولى خەتەرلىك ھەم باتۇرلۇق بۇلۇپ كىشىنى چۆچۈتىدۇ .
مەسلەن ئېگىز بوشلۇقتا مېڭىش بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى ئېگىزلىكى 38 مېتىر كېلىدىغان ئېيسانىڭ ھەيكىلى بىرازىلىيىنىڭ رىئودى ژانىرودىكى سموۋللۇق ئىمارەت .بۇ يىل 6-ئايدا 3ياشلىق ئەنگىيىلىك ئەر رى تومپىىسن برازىلىيە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن ھەيكەلنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقتى ،ھەمدە رەسىمگە چۈشۈپ ، ھەيكەلنىڭ ئەڭ چوققىسىدا رەسىمگە چۈشكەن كىشى بۇلۇپ قالدى .
بۇ يىل 5-ئايدا 19 ياشلىق رۇسىيىلىك فوتوگراف ئالېكساندىر دوستى بىلەن ئېففىل مۇنارى ئالتۇن دەرۋازا چوڭ كۆۋرۈكى قاتارلىق ئىمارەتلەرگە چىقىشقا جەڭ ئېلان قىلغاندىن كېيىن يەنە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا دۈبەيدىكى مەلىكە مۇنارىنىڭ ئۆگزىسىگە قۇرۇق قول يامىشىپ چىقتى .ئالېكساندىر يەنە ئۆزگىچىلىك يارىتىپ تېلىكامىرانى ياغاچنىڭ ئۇچىغا باغلاپ 410 مېتىر ئېگىزلىكتە كەڭ مەنزىرىنى چىقىرىپ سۈرەتكە چۈشتى .
بۇلتۇر ئەنگىيىلىك ئەر جېمسون كېلىكتىسون ئەنگىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر شەھەردىكى ئېگىزلىكى 76 مېتىر كېلىدىغان كىرانغا قۇرۇق قول يامىشىپ چىقتى .ئۇ ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرى قوللانمىغان ئەھۋال ئاستىدا ،بىر قولى بىلەن كىران لىمىغا ئېسىلىپ ئىنتايىن خەتەرلىك ھەرىكەت قىلدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ .ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved