2015-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى، نەچچە ئون مىڭ ھىندسىتانلىق زۇڭلى مودى بىلەن بىللە يوگا ھەرىكىتى ئىشلەپ تۇنجى قېتىملىق خەلقئارا يوگا كۈنىنى تەبرىكلىدى.
يېڭى دېھلى تېلېۋىزىيە تورىنىڭ 10-دىكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستاندا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ساقچىلار يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى ھىندىستاننىڭ كاچى ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باشقا يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى بولسا ھىندىستان زۇڭلىسى نارېندىرا مودى ساقچىلارغا ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن جورىلىرىگە بىر قېتىملىق يوگا دەرسى ئۆتۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭمۇ ساقچىلارغا قوشۇلۇپ بىللە يوگا ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گۇجرات ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تاكورنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق يوگا دەرسىنى بەش نەپەر كەسپىي يوگا تېرىنىرى ئۆتىدىكەن، مەشىق ئۈچ كۈنگە سوزۇلىدىغان يىغىننىڭ بىر قىسمى بولۇپ، زۇڭلى مودىمۇ بىللە يوگا ئۆگىنىشكە قاتنىشىدىكەن.
ئۈچ كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ ئالىي دەرىجىلىك ساقچىلار بىلەن بىللە بولۇش مودى ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق بولۇپ، ھەر كۈنى 12 سائەت ئېچىلىدىغان يىغىندا ئىچكى قىسىمدىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى، دېڭىز رايونى بىخەتەرلىكى، تېرورىزىم، «شام ئىسلام دۆلىتى»دىن كېلىدىغان خەۋپ ۋە بىر قىسىم مۇھىم بولغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مودى بىر يوگا ھەۋەسكارى بولۇپ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇ ھىندسىتان خەلقى بىلەن بىللە يېڭى دېھلىدىكى پادىشاھ چوڭ يولىدا يوگا مەشىق قىلىپ خەلقئارا يوگا كۈنىنىڭ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىگەن، ئوقۇغۇچىلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 35 مىڭ ئادەم شۇ قېتىملىق يوگا مەشىقىگە قاتناشقان ئىدى.
خەلقئارا يوگا كۈنىنى مودى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلىپ تەسىس قىلغان بولۇپ، 177 دۆلەتنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىملىق خەلقئارا يوگا كۈنىدە ھىندسىتان ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان 192 دۆلەتتە ھەرخىل يوگا پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved