شۇ يەر ۋاقتى 12-يانۋار، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، لېكىن ئۇ بۇ دوكلاتىدا ئويلىمىغان يەردىن «چاۋشيەن» نى چۈشۈرۈپ قويغان بولۇپ، چاۋشيەن ۋودروت بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن ھازىرغىچە، ئوباما چاۋشىيەننىڭ ئسىمىنى تىلغا ئېلىپمۇ باقمىغان.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، بۇ ئوبامانىڭ ئۇدا ئۈچ يىل دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا چاۋشىيەننى تىلغا ئالماسلىقى بولۇپ، ئوبامانىڭ بۇ قىلمىشى چاۋشىيەننى «كۆزگە ئىلمىدى» دەپ قارالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چاۋشيەن 4-قېتىملىق يادرو سىنىقىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، ئامېرىكىنى چاۋشىيەننىڭ قىلمىشى بىلەن كارى بولمىدى، دېگەن. ئامېرىكا چاۋشىيەننىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش، دەپ قارىمايدىغان بولۇپ، ئەگەر ئوباما چاۋشىيەننىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرسا، چاۋشىيەننى ئويلىغان مەقسىتىگە يەتكۈزىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved