تاراتقۇلار كۈزىتىش ئورگىنى «ئاخبارات بەلگىسى ھەرىكىتى » نىڭ 4-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2015 - يىلى يەر شارىدا جەمئىي 135 مۇخبىر خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان بولۇپ ، 2014-يىلىدىكى خىزمەت ئۈستىدە قازا قىلغان 138 مۇخبىردىن ئازراق ئازايغان.
ئاخباراتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: گەرچە مۇخبىرلارنىڭ قازا قىلغان ئادەم سانى سەل ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى تۆت يىل ، 10 يىلدىن بۇيانقى مۇخبىرلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان 4 يىل ئىكەن . « ئاخبارات بەلگىسى ھەرىكىتى» باش كاتىپى مۇنداق دېدى : 2016 - يىلىدىكى مۇخبىرلىق خىزمىتىدە خەۋپ يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ، ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى ئالدىن مۆلچەرلەندى.
بۇ تەسكىلاتنىڭ سىتاتسىىتكا قىلىشىچە، 2015-يىلى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 135 مۇخبىر ئىچىدە ،3/2 قىسمى 10 دۆلەت ۋە رايونغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ، سۇرىيەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇخبىرنىڭ سانى 13 گە يەتكەن ، ئىراق ۋە مېكسىكىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مۇخبىرنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 ئادەمگە يەتكەن.
باش شتابى جەنۋەگە تەسىس قىلىنغان « ئاخبارات بەلگىسى ھەرىكىتى » 2004 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، پايدا ئالمايدىغان دۇنيادىكى تاراتقۇلار كۆزىتىش ئاپپاراتى، پۇقرالار، ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئاخباراتچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مۇراجەت قىلىدىغان تەشكىلات ھېسابلىنىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved