كورىيەدىكى پاراخوت چۈكۈپ كىتىش ۋەقەسىدە ھايات قالغان ئۇقۇغۇچىنىڭ بايانى : ئۆز كۆزۈم بىلەن دوستۇمنىڭ ئېقىپ كەتكەنلىكنى كۆردۈم

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 17- كۈندىكى تېلىگىراممىسى ، شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، 400دىن ئارتۇق ئادەم ئولتۇرغان ‹‹SEWOLنۇمۇرلۇق›› پاراخوت  چۈئەنلو نەنداۋ ئۆلكىسىدىكى مەرۋايىت تاقىم ئاراللىنىڭ پىڭفېڭ ئارىلنىڭ شىمالدىكى 20 كىلومىتىر كىلدىغان جايدا سۇ كىرىپ كىتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ ،2سائەت 20مىنۇتتىن كىيىن چۆكۈپ كەتكەن. بۇ ۋەقە ئاللىقاچان كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كىتىشى ، 200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭيۇقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كورىيە ‹‹مەركىزى كۈندىلىك گېزىتى ››نىڭ خەۋەر قىلشىچە، بەزى ئامان قالغان ئوقۇغۇچىلار ئەينى ۋاقىتتىكى كۆرنۈشنى قايتا ئەسلەپ دوستىنىڭ ئېقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئېيىتقان . 

 

4-ئاينىڭ15-كۈنى كەچتە، رېنچۈئەن يۇلۇچىلار پىرسىتانى تېخى قۇيۇق تۇمان ئىچىدە ئىدى. رادىئودا:‹‹ھازىر تۇمان بەك قۇيۇق سەپەرگە چىقىشقا ماس كەلمەيدۇ ››مۇشۇ بىر جۈملە تەكرارلىنىپ تۇرغان. چۈشتىن كىينكى جىجوۋ ئارلىغا ماڭدىغان ۋاقىت كەلگەندىمۇ يەنىلا يولغا چىقىدىغان ئالامەت بولمىغان. 

 

باشلاپ بارغان ئۇقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلكىدە ، ئۇقۇغۇچىلار بىر-بىرلەپ پاراخوتقا چىققان. ئەنشەن شەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپى 2-يىللىقىنىڭ325 نەپەر  ئۇقۇغۇچىلىرى جىجوۋ ئارىلىغا ساياھەتكە چىقىشنى پىلانلاپ  كەچ سائەت يەتتە يېرىمدا پاراخوتقا چىقىپ كەچلىك تاماقنى يەپ بۇلۇپ پاراخوتنىڭ قوزغىلشىنى كۈتكەن. كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا تۇمان تاراپ كەتكەن . پاراخوتنىڭ قوزغىلشى بىلەن ئۇقۇغۇچىلار خۇشاللىقىدىن سەكرىشىپ كەتكەن :‹‹ۋاھ ،ئاخىرى جىجوۋ ئارىلغا باردىغان بولدۇق ››

ئۇقۇغۇچىلار ئۆز سىنىپى بۇيىنچە 3-،4- قەۋەتكە ئورۇنلاشقان. بەزىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ پاراڭ سېلۋاتاتتى ، بەزىلەر ئىلكتىرونلۇق تېلفونى ئارقىلىق توردا پاراڭلىشۋاتاتتى ، يەنە بەزىلەر بولسا ئۇخلاۋاتاتتى . 

 

4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇلار كۆزىنى ئاچقاندا پاراخوت چۈئەننەن مەرۋايىت تاقىم ئارىلدىكى گۇئەنمېي ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىزدا كىتىپ باراتتى ، كۆپچىلىك ئەتتىگەن سائەت يەتتە يېرىمدا بىرگە ئەتتىگەنلىك ناشتا قىلىپ ، بەزى ساۋاقداشلار پالۇبىغا چىقىپ دېڭىز مەنزىرىسنى ئارقا كۆرنۈش قىلىپ خاتىرە قالدۇرماقچى بولغان. 

 

كىمىنىڭ ئىرغاڭلاشقا باشلىغان ۋاقتى 8 دىن 40 مىنۇت ئەتراپىدا . 9-سىنىپتىكى جىنمىنجىڭ ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقان بۇلۇپ ، گەرچە كۆڭلىدە ئازراق ئەنسىرگەن بولسىمۇ لىكىن يەنە بەلكىم دېڭىز دولقۇنىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان. لىكىن پاراخۇت ئۇشتۇمتۇت يانغا قىيسىيىپ تاماق ئۈستىلدىكى تاماق قاچىلىرى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن سۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى پاتپاراق بۇلۇپ كەتكەن . 

 

‹‹پاراخۇت نىمىشقا بۇنداق بۇلىدۇ ؟ چۆكۈپ كىتەمدۇ نىمە ؟››

 

‹‹مۇئەللىم ! پاراخۇت بىنورمال بۇلۇپ كەتتى ›› 

 

ئەينى ۋاقىتتا 4-قەۋەتتىكى SP1-ئۆيدە ، بىرىنجى سىنىپتىكى جاڭشىيەنجېن قاتارلىق بەش نەپەر ئۇقۇغۇچى ئەتتىگەنلىك تاماق يەپ ئارام ئېلۋاتاتتى. 

ئۇشتۇمتۇت ‹‹پاڭ!›› قىلغان كۈچلۈك ئاۋاز ئاڭلانغان. ياتاق ئىچىدىكى چىراق پارتىلاپ پاراخۇت يانغا قىيسىيىشقا باشلىغان. ئەينى ۋاقىت چۈشتىن بۇرۇن 9 ئەتراپى بۇلۇپ ياتاق ئىچىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان، ئىككى ئۈچ مىنۇتتىن  كىيىن دېرىزە سۇ ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن. 

‹‹يۇلۇچىلار ، قالايىمقان يۈگۈرمەڭلار ، بەك خەتەرلىك ، سەۋىرچانلىق بىلەن قۇتقۇزۇشنى كۈتۈڭلار›› 

پاراخۇت دېڭىزغا چۆكۈپ كىتىۋەرگەن، رادىئودا :‹‹قالايىمقان ماڭماڭلار ›› مۇشۇ بىر جۈملە تەكرارلىنىۋەرگەن ، قۇتقۇزۇش كىيمىنمۇ كىيگىلى قويمىغان . ئالدىنقى كۈنى پاراخۇتقا چىقىشتىن بۇرۇن ھېچكىم ئۇلارغا ئەگەر خەتەرگە يۇلۇقسا قۇتقۇزۇش كىيمىنى كىيدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. پاراخۇت خۇددى سۇ ئىچۋاتقاندەك ، دېڭىز سۈيى تىزسۈرەتتە پاراخوت بۆلۈمچىسگە كىرگەن . دېڭىز سۈينىڭ كىرشىگە ئەگىشىپ ،جاڭشىيەنجېن بىلەن دوستى قۇتقۇزۇش كىيمىنى كىيۋالغان. 

قۇتقۇزۇش كىيمىنىمۇ قالايىمقان كىيىشكەن. بەزىلىرنىڭ سېرىتمىسى يوق ، بەزىلىرىنىڭ سېرىتمىسىنى تارتقىلى بولمىغان ، بىر نەچچە ساۋاقداش ئارغامچا بىلەن قۇتقۇزۇش كىيمىنى بەدىنگە باغلىۋالغان. ئەينى ۋاقىتتا پاراخۇت يانغا 90 گىرادۇس قىيسايغان بۇلۇپ ، سۇ  بەلگە كەلگەندە 3 ساۋاقداش قۇتقۇزۇش كىيمى قۇيدىغان پالۇبىغا چىقىپ كەتكەن، جىددىيلىشىپ كەتكەن جاڭشىيەنجۈنمۇ ساۋاقدېشنىڭ ياردىمى بىلەن مۇشۇ تاختىغا چىقۋالغان . تۇيۇقسىز كۆپچىلىك چىقىۋالغان تاختا پارچىلنىپ كەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن جاڭشەنجۇن قاتارلىق ئۇقۇغۇچىلار ئۆي ئىچىگە كىرۋاتقان سۇغا كىرىپ كەتكەن، بىر نەچچە ساقداش سۇغا كىرىپ كىتىشى بىلەن تەڭلا دېڭىز سۈيى ئېقىتىپ كەتكەن ،جاڭشەنجۈن دوستىنىڭ ئېقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ جېنىنىڭ بارىچە ئۈزۈپ ئاخىرى چىقىش ئېغزىغا كەلگەندە تىك ئۇچار ئايروپلاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان. جاڭشەنجۈن ئاخىرى قۇتقۇزۇش ئەترىتنىڭ ياردىمى بىلەن پاراخۇتتىن ئايرىلغان. 

بۇندىن باشقا ، پالۇبا ئۈستىمۇ ئېچىنىشلىق بۇلۇپ كەتكەن. ئەينى ۋاقىتتا دېڭىزنى تاماشا قىلغىلى چىققان ئۇقۇغۇچىدىن 20 نەچچىسى بۇلۇپ، بۇ بىر نەچچە ئۇقۇغۇچى دېڭىزنى تاماشا قىلۋاتقان ۋاقىتتا پاراخۇت تۇيۇقسىز يانغا قىيسايغان ، شۇنىڭئ بىلەن ئۇلار  كىمە يان تۇسالغۇسىنى بويلاپ  تەرەپكە 20 نەچچە مىتىر سىيرىلىپ كەتكەن. ئاشۇ كۈنى ئەڭ بۇرۇن ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغۇچى لىخەنرى بۇلۇپ ، ئۇمۇ پالۇبىغا چىققان بۇلۇپ ،  سائەت 8 دىن 57 مىنۇت ئەتراپىدا دادسىغا تېلفون بەرگەن . 

‹‹دادا ، پاراخۇت ھازىر دېڭىزغا چۆكۈپ كىتىۋاتىدۇ ، مەن مۇشۇ يەردە ئۆلۈپ كىتىدىغان ئوخشايمەن ، بەك قورقۇۋاتىمەن ››

لىخەنرىنىڭ دادسى ئالدى بىلەن ئوغلىنى تىنچلاندۇرۇپ ، ئارقىدىن دېڭىز ساقچىسى تەرەپكە خەۋەر قىلغان، شۇندىن كىيىن دېڭىز ساقچى ئەترىتى، دېڭىز ئارمىيە ۋە خەلىق ئىچىدىكى بېلىقچىلار كىمىسى قۇتقۇزۇشقا يىتىپ بارغان. 

ئەينى ۋاقىتتىكى پۇجۇنگې كارىدۇردىكى تازلىق ئۆيىگە مېڭىش يۇلىدا بۇلۇپ ، تۇيۇقسىز بەدنىنىڭ قىيسىيىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەن ، يان تەرەپتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يەرگە چۈشۈپ ، پاراخۇت يانغا قىيسايغان. پۇجۇنگې تامغا چاپلىشىپ تۇرۇپ قۇتقۇزۇش كىيمىنى كىيۋالغان، ئارقىدىن كارىدورغا شىددەت بىلەن سۇ كىرىشكە باشلاپ پۇجۇنگې سۇ ئىچىدە تۇرۇپ قالغان ئۇ تىك ئۇچارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاندىن قېچىپ چىقىپ كىتىشنى قارار قىلغان، ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ پاراخۇت بۆلىمچىسى سىرتىغا قاراپ جېنىنىڭ بارىچە سۇ ئۈزگەن ، ئۇ ئۈزۈپ سىرىتقا چىقشىغلا قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەرپىدىن قۇتقۇزۋېلىنغان.

چۈشتىن كىيىن سائەت بىر ئەتراپىدا ، ئۇقۇغۇچىلار دېڭىزدا 4-سىنىپتىكى جېڭچېشىيوڭنىڭ جەستىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئاڭلىغان، بۇندىن سىرىت ئۇلارغا ئۆز جايىدا ھەركەت قىلماي ‹‹سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاش››نى ئېيتقان ئايال پاراخۇت خادىمى پۇجىيىڭنىڭ جەستىمۇ سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىققان، پاراخۇتتا ئەنشەن شەن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇقۇتقۇچى ئۇقۇغۇچىلىردىن باشقا يەنە 89 نەپەر باشقا يۇلۇچىمۇ بار ئىكەن . 

 



خەتكۈچلەر:
18-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو خەۋەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek